شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جۇ يىفەن خەۋەر قىلىدۇ : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ ، دېلودىن ئالغان ساۋاقلارنى ئەستە ساقلاپ ، خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش تەلىپىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى .
جاڭ چۈنشيەن شايار ناھىيەسى ‹‹ قىزىلبايراق›› بازىرى ئاقبەل كەنتىگە كېلىپ ، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا باردى ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاقبەل كەنتىدىكى ‹‹ئۆيى ›› ئىدى . بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ، ناھىيەلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئەۋەتىلگەن ئالتە كادىر يېرىم يىلدىن بۇيان بۇ يەردە ئىشلەپ كېلىۋاتقانىدى .
ئاقبەل كەنتىگە خىزمەتكە چۈشكەن ئايال كادىرلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى لىڭشيا مۇنداق دېدى : ئاياللار كۆپ بولسىمۇ ، كۆپچىلىك كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەنت ئەھۋالىنى تېزدىن ئىگىلىدى . يېرىم يىلدىن بۇيان ، كەنتتىكى 302 ئائىلىنىڭ ھەر بىرىنى ئالتە قېتىم زىيارەت قىلدۇق، كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ ، يۇرتداشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردۇق، ھازىر، كەنتتىكىلەر نېمىلا ئىشى بولسۇن، بىزنى ئىزدەپ كېلىشىدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق.
كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى باشقا بىر نەچچە ئەر كەنتنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدى. ھازىر، ئاقبەل كەنتىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى، كەنت ئامانلىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ‹‹ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››تىن ئىبارەت خىزمەت مېخانىزمى شەكىللەندى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلدى.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن ئوسمان مۇنداق دېدى: ھازىر كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كۈچى زورايدى، چارە – تەدبىر كۆرسىتىدىغانلار كۆپەيدى، نۇرغۇن ياخشى ئىشلار قىلىنىپ، كەنتتىكىلەر بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشتى، كەنت كادىرلىرىنىڭ غەيرىتى ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن مەندەك شۇجىنىڭ بېلى رۇسلاندى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەنت ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى ئۆزئارا تايىنىپ، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرىكمە كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلەپ، ئاممىغا قۇرۇق گەپ ساتماي، لاپ ئۇرماي، كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئاممىغا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياخشى سىياسىتىنى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنى ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىم نۇرباغ يېزىسىنىڭ ياداڭ كەنتىگە كېلىپ ، كەنت ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈردى ، گۈلباغ بازىرىغا بېرىپ بازارلىق ساقچىخانا قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پۇقرالار سەھنىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
جاڭ چۈنشيەن گۈلباغ بازىرىدا ناھىيە ، يېزا (بازار) ، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى .كۆپچىلىك ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ياخشى تەجرىبە – ئۇسۇللىرى ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ساۋاقلار ، قانداق مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى : ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك . ئاجىز ھالقىلارنى تەكشۈرۈپ ، خىزمەتتىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە خەتەرلىك نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىش كېرەك . دېلودىن قانلىق ساۋاق ئېلىپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشى ، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ ، ساۋاقلارنى كۈچلۈك تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك . ھەقىقىي ئىشلەپ ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك .
‹‹ ئۈچتىن قەتئىي ساقلىنىش ›› تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ 20 – ئاۋغۇست ›› ئېچىلغان تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ۋە ‹‹8–سېنتەبىر›› يەكەن ناھىيەسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك . مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئاممىنى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگولار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved