19-ماي ، قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيە قۇمقۇدۇق مازار كەنتىدىكى يېزا دوختۇرى كېرەم ئەمەت كەنتتىكى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە
19-ماي ، قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيە قۇمقۇدۇق مازار كەنتىنى توپا-چاڭ قاپلاپ كەتكەنىدى . تېرىلىرى قارىداپ ، ئورۇقلاپ كەتكەن كېرەم ئەمەت دورا ساندۇقىنى ئېسىپ ، موتوسىكلىتىنى مىنگىنىچە كەنتتكە كىرىپ كەلدى . بۇ كەنتتە دەرەخلەر ئاز ، قۇم-بوران كۆپ بولۇپ ، كېرەم ئەمەت توپتوغرا 48 يىلنى بۇ يەردە دوختۇرلۇق قىلىپ ئۆتكۈزدى . بۇ كەنت تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان . ‹‹ كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇش ›› تاشيولى كەنتتىكى ھەممە گۇرۇپپىلارنى كېسىپ ئۆتمەيتتى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى گۇرۇپپا ئادەم بارمايدىغان قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان . كېرەم ئەمەت كەنتتىكىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشتە مانا مۇشۇ چاڭ-توزانلىق يول ئارقىلىق باراتتى .
ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەزكۇر يېزىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ شېڭچېڭ مۇنداق دېدى : بۇ يولدا ئادەم سەللا ئېھتىيات قىلمىسا يېقىلىپ چۈشىدىكەن ، قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلسە، كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمايدىكەن .
بۇ يولدا ئېشەكلا كېرەم ئەمەتنىڭ سادىق ھەمراھى ئىدى .
كەنت ئاھالىسى مەمەت ئابدۇقېيۇم تېلېفوندا مۇنداق دېدى : 1995-يىلى بىز ناھىيە بازىرىدىن 40 نەچچە كىلومېتىر يىراقتىكى چۆللۈكتىكى ئۆستەڭنى رېمونت قىلىغىلى باردۇق ، بىر كۈنى كەچتە ، مېنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقاقلىق كېسىلىم قوزغىلىپ ، پۈتۈن بەدىنىم تارتىشىپ ، يەردە ئېغىناپ كېتىپتىمەن . كېرەم ئەمەت بىر تەرەپتىن ماڭا تەسەللىي بەرگەچ ، يەنە بىر تەرەپتىن قولىنى ئاغزىمغا تىقىپ ، مېنىڭ تىلىمنى چىشلىۋېلىشىمنىڭ ئالدىنى ئاپتۇ ، شۇ كۈنى كەچتە كېرەم ئەمەت ئېشەك ھارۋىسىنى سەككىز سائەتتىن ئارتۇق تېزلىكتە ھەيدەپ مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى ، دوختۇر سەللا كېچىككەن بولساڭلار، ھاياتىمنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved