پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئامېرىكا قىتئە لوڭقىسى ئىنتىزام ھەيئىتى ۋاقتىنچە بىرازىلىيە توپچىسى نېيمارغا پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بىرىشنى قارار قىلغان. بىراق ھەر قايسى تەرەپنىڭ يەنىلا 24 سائەت مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى تاپشۇرۇش ۋە قايتا ئەرز سۇنۇش ۋاقتى بار. ئامېرىكا قىتئە لوڭقىسى تەشكلىي ھەيئىتى ئەتە رەسمىي ھالدا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى نېيمارغا بولغان جازانى ئېلان قىلىدىكەن.
نېيمار بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن كولومبىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئارمىلونى توپ بىلەب تەپكەن قىلمىشى ئۈچۈن باش رېپىر تەرىپىدىن قىزىل كارتا ئارقىلىق مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىر ئۆزىگە ئىككى سېرىق كارتا يېغىۋالغان بولۇپ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە نېيمار بەلكىم ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن توختىلىشى مۇمكىن دېيىلگەن ئىدى.
مەيلى بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، برازىلىيە كوماندىسى ئاخىرقى بىر ئايلانما كىچىك گۇرۇپپا پېرو كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىدە نېيماردىن ئېنىقلا ئايرىلىپ قالىدىغان بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved