ياۋروپا كېڭىشى 19-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 6-ئايدا ۋاقتى توشىدىغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قىرىمغا ئالاقىدار جازانى بىر يىل يەنى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم مەسىلىسىگە قاراتقان جازا تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قىرىم بىلەن سىۋاستىپولدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ قىرىم بىلەن سىۋاستىپولدا كۆچمەس مۈلۈك سېتىۋېلىش، يەرلىكتىكى شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنى رويخەتكە ئېلىش ياكى ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەنئى قىلىش. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرىقى رايوندا ساياھەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مەنئى قىلىش بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ساياھەت پاراخوتلىرى جىددىي بولمىغان ئەھۋالدا قېرىم يېرىم ئارىلىدىكى پورتقا توختىشىنى مەنئى قىلىش.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved