رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2-دېكابىر كەچتە كوباندىن قىرىمغا توك يەتكۈزۈش كۆۋرۈكى 1-توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. پۇتىن قىرىم يېرىم ئارىلىغا توك بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، دېڭىز ئاستى توك بىلەن تەمىنلەش كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. پۇتىننىڭ دېيىشىچە، ئەڭ قىسقا مۇددەتتە قىرىم يېرىم ئارىلىدا توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن.
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رۇسىيە باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بىكارغا ئالمايدۇ، بۇ رۇسىيە توك تەمىنلەش سىستېمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىشەنچلىك قىرىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئېلېكتىر سىستېمىسى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن توك تەمىنلەش مىقدارى ئۇكرائىنانىڭ ئىلگىرىكى توك تەمىنلەش مىقدارىدىن ئېشىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا قىرىمنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، كۇرچ دېڭىز بوغۇزى دېڭىز ئاستىغا ياتقۇزۇلغان توك تەمىنلەش كۆۋرۈكىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن قىرىمنىڭ توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلىغىلى بولىدىكەن. 2016-يىلى 5-ئايدا 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، قىرىم يېرىم ئارىلى تامامەن ئۆزىگە تايىنىپ توك چىقىرالايدىكەن ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئېلىكتىر تورى توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق توكتا ئۆزىنى ئۆزى تامامان قامدىيالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved