دوختۇرخانىنىڭ تەرەت كۆلچىكىگە تاشلىۋېتىلگەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قۇتقۇزۇۋېلىندى

20-مارت سائەت 14:34 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يۈشىدىكى شىنپىڭ چوڭ ئەترىتى، شىنپىڭ ناھىيەلىك دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ 3-قەۋەتتىكى ئاياللار ھاجەتخانىسى ئىچىدە كىچىك بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى، ھەمدە سۇ چۈشۈرۈش تۇرۇبا يولىغا بىر بوۋاقنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شىنپىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى دەرھال بىر ماشىنا، يەتتە ئادەمنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تازىلىق ئۆيى يەر يۈزىنىڭ ھەممە يېرىدە قان ئىزى بارلىقىنى بايقىغان، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تار ئەۋرەز يولىدا قىسىلىپ قالغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئۈزلۈكسز داۋاملاشقان. ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كوماندىر دەرھال بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئالدى بىلەن ھاجەتخانا يەر ئاستى تۇرۇبا يولى ئىچىدىكى ھاۋا ئېقىشىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، بولقا، پالتا قاتارلىقلار بىلەن ئوڭ-سول ئىككى تەرەپتىكى تەرەت كۆلچىكىنى چاققان. يورۇتۇش گۇرۇپپىسى يورۇتۇش ئەسۋابىنى ئېچىپ، قۇتقۇزۇش نەق مەيداننى يورۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلغان؛ تارقاقلاشتۇرۇشقا يول باشلاش گۇرۇپپىسى، قاتناش ساقچىلىرىغا ماسلىشىپ نەق مەيدان تەرتىپىنى ئوبدان قوغدىغان؛ باشقىلارنىڭ ھاجەتخانىنى ئىشلىتىپ، سۇ چۈشۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاجەتخانىنىڭ سۇ كلاپانىنى تاقىۋەتكەن. ئارقىدىنلا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قەغەز قىسقۇچ تېپىپ كېلىپ، كۈچىنىڭ بارىچە تەرەت كۆلچىكى ئېغىزى ئەتراپىغا يېقىنلاشقان. داۋالاش خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېرەكسىز قەغەزلەرنى ئاستا-ئاستا قىسىپ ئېلىپ، بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن، ھەمدە ئوكسىگېن تۇڭى تەييارلاپ، بوۋاقنى ھەر ۋاقىت ساپ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشكە تەييار بولۇپ تۇرغان. بوۋاق تۇرۇبا ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، بىۋاسىتە تۇرۇبىنى يېرىپ ئالغاندا، 2-قېتىم زەخمىلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى بارغانسېرى تېزلەشكەن بولۇپ، ھەر بىر قېتىملىق يىغا ئاۋازى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يۈرىكىنى جىغىلداتقان.

تىببىي خادىملارنىڭ زىچ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، ئەۋرەز يولىدا قاپسىلىپ قالغان بوۋاق ئاستا-ئاستا تارتىپ چىقىرىلغان. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، بوۋاق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئارقىدىنلا دوختۇرلار دەرھال قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. شۇندىلا، نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغان. شۇنىڭ بىلەن، پۈتكۈل قۇتقۇزۇش خىزمىتى تولۇق ئاياغلاشقان.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek