ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇدان جۇمھۇرىيىتى ئىران باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سۇدان جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ مەزكۇر رايونغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەھرەينمۇ ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ھەمدە ئىران دىپلوماتىيە خادىملىرىنى 48 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن ئايرىلىشقا بۇيرىغان.
بۇ ئىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىمۇ ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭغا قارىتا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاننى رايون ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى دەپ ئەيىبلىگەن.
نۆۋەتتە، ئۈچ دۆلەت ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-يانۋار 47 نەپەر تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىنى قەتلى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، قەتلى قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە شىئە مەزھىپىدىكى داڭلىق دىننىي زات نىمىرمۇ بار ئىكەن. 2-يانۋار كەچ، ئىراندىكى نامايىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەلچىخانىنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى ئۇرۇپ-چاققان، ھەمدە ئەلچىخانىنىڭ قىسمەن جايلىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا «ئېرۇسالىم پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىران دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ سانىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved