شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرۇنېي پادىشاھى ھەسەن ئەل بوجىيا 22-دېكابىر پەرمان چۈشۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ روژدېستۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەن، ئۇ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق روژدېستۋو بايرىمىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلاپ قالماقچى بولغان. پەرمانغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر كىشىلەر روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلىسە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. بىرونېينىڭ 420 مىڭ نوپۇسى بار بولۇپ، تەخمىنەن%67 ئادەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن، خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بولسا ئاران %10 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەگەر خىرىستىيان مۇرىتلىرى روژدېستۋو بايرىمى ئۆتكۈزمەكچى بولسا چوقۇم ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى شەرت ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved