رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كومىتېتى يەنى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى تۈنۈگۈن قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، بۇ يىل 26-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، رۇسىيەنىڭ مەملىكەت بويىچە ۋاقىت رايونىنى ھازىرقى ئاساستا كەينىگە بىر سائەت سۈرۈشنى قارار قىلدى، پايتەخت موسكۋانى مىسال قىلساق، ھازىرقى ۋاقىت گىرىنۋىچ ۋاقتىدىن 4 سائەت بالدۇر، 26-ئۆكتەبىردىن كېيىن موسكۋا ۋاقتى گىرىنۋىچ ۋاقتىدىن 3 سائەت بالدۇر بولىدۇ.
بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئىلگىرى دۆلەت دۇماسى يەنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى ماقۇللىغان ئىدى. مۆلچەرلىنىشىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ناھايىتى تېزلا ماقۇللايدىكەن. بۇ رۇسىيەنىڭ 2011-يىلى يازلىق ۋاقىتنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشىنى قارار قىلغاندىن كېيىن ۋاقىت تۈزۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىشى. رۇسىيەنىڭ زېمىنى كەڭ بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت رايونلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، جەمئىيەتتە ۋاقىتنى قانداق قىلىپ مۇۋاپىق ئىشلىتىش ھەققىدە مۇنازىرە ئۈزۈلمەي كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ۋاقىت تەڭشەش ھەممە ئادەمنى رازى قىلىپ كېتەلمەيدۇ.
ئېنېرگىيە تىجەشنى ئويلىشىپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە رۇسىيە ئىلگىرى 30 يىل يازلىق ۋاقىت ئىشلەتتى، يازلىق ۋاقىت يازلىق ۋاقىت تۈزۈمى دەپمۇ ئاتالدى، بۇنىڭدا بالدۇر تاڭ ئاتىدىغان ئەتىياز،ياز پەسلىدە ۋاقىت ئالدىغا بىر سائەت سۈرۈلىدۇ، بۇ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ناھايىتى كۆپ يۇقىرى پاراللېل رايونلىرىدا ئەتىياز پەسلىدە قۇرۇش چىقىدىغان ۋاقىت روشەن ھالدا قىش پەسلىدىكىدىن بالدۇر بولىدۇ، يازلىق ۋاقىت تۈزۈمى كىشىلەرنى بالدۇر تۇرۇپ بالدۇر ئۇخلاشقا مەجبۇرلايدۇ، بۇ ئارقىلىق يورىتىش سەرپىياتىغا كېتىدىغان ئېنېرگىيەنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
رۇسىيە 1981-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىشنى بەلگىلىدى. ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسى ۋاقىت بىر سائەت ئالدىغا سۈرۈلىدۇ؛ ھەر يىلى ئۆكتەبىردىن ئاخىرقى يەكشەنبىسى ۋاقىت بىر سائەت كەينىگە سۈرۈلىدۇ. موسكۋانى مىسال قىلساق، يازلىق ۋاقىت گىرىنۋىچ ۋاقتىدىن 4 سائەت بالدۇر، يازلىق ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا گىرىنۋىچ ۋاقتىدىن 3 سائەت بالدۇر بولىدۇ. بىراق كىشىلەر يازلىق ۋاقىتتا كۆز بويامچىلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئىزچىل تۈردە مۇنازىرە قىلىپ كەلگەن ئىدى. ھازىرقى جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يازلىق ۋاقىت تۈزۈمى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تېجەپ قالىدىغان قالمايدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم يوق. ئۇندىن باشقا تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەر يىلى ئىككى قېتىم ۋاقىت ئۆزگەرتىشنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
2011-يىلىدىن باشلاپ رۇسىيە يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ مېدۋېدېۋ 2011-يىلى شۇ يىلىدىكى يازلىق ۋاقىت ئاياغلاشقاندىن كېيىن سائەتنى قايتا بىر سائەت كەينىگە سۈرمەسلىك ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ رۇسىيەنىڭ مەملىكەت بويىچە ۋاقىت رايونىدا سائەتنىڭ بىر سائەت ئالدىغا سۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، موسكۋا ۋاقتى پۈتۈن يىلدا گىرىنۋىچ ۋاقتىدىن 4 سائەت بالدۇر بولىدۇ. مېدېۋىدېۋ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ۋاقىتنى كۆپ قېتىم تەڭشىگەندە ئادەمنىڭ بىيولوگىيەلىك دەۋرى قالايمىقانلىشىپ، ئادەم بېسىم ھېس قىلىدۇ، ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
زېمىنى كەڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇزۇن مۇددەت يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئاھالىلارنى قۇياش نۇرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن رۇسىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى يۇقىرى پاراللېلدا، قىش پەسلىدە بىر ئاز كېچىكىپ كۈن چىقىدۇ، يەنىلا يازلىق ۋاقىت ئىشلەتكەندە كىشىلەر كۈن چىقماي تۇرۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا مەلۇم قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەتلىك يازلىق ۋاقىت يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇنى قوللىغۇچىلار بارغانچە ئازىيىپ كەتتى. يازلىق ۋاقىت تۈزۈمى توختىتىلغان 2011-يىلى رۇسىيەدىكى مۇستەقىل ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بولغان لېۋادا مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەت قىلىنغان %63 كىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىشنى قوللىغان. بىراق بۇ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئېلىپ بارغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ تەدبىرنى قوللىغۇچىلار %41گە چۈشۈپ قالغان.
2012-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى يازلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپ لايىھەسى سۇندى. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم مۇزاكىرە كېچىپ قالغاندىن كېيىن، دۆلەت دۇماسى 6-ئايدا يازلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىشنى ئۇزۇن مۇددەت قىشلىق ۋاقىت ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىشنى بېكىتتى. لېكىن بۇ ھەممە ئادەمنى رازى قىلىپ كېتەلمەيدۇ. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىشنى قوللىغۇچىلار بىلەن قىشلىق ۋاقىت ئىشلىتىشنى قوللىغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم 3تىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن، قالغان 3تىن بىر قىسىم كىشى بۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved