سۈرەتتە: ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنى، ئاۋستىرالىيەنىڭ شەرقىدىكى بىرىسبان شەھىرى قاتتىق بورانلىق چاقماق چېقىش ھاۋا رايىغا ئۇچرىدى.
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، قارا يامغۇر ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنى كەچ (11-ئاينىڭ 29-كۈنى) ئاۋستىرالىيە بىرىسبان شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى، چاقماقنىڭ دەھشەتلىك گۈمبۈرلىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ پۈتۈن شەھەر كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى، ئەينى ۋاقىتتىكى مەنزىدە خۇددى «دۇنيا ئۇرۇشى» فىلىمىدىكىدەك ناھايىتى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى.
ئالدىنقى ھەپتە كىۋىنىسلەند (Queensland) شىتاتىنىڭ بىرىسبان شەھىرىدە جەمئىي 170 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چاقماق چاقتى. بىر ئەر چاقماق تىگىپ قازا قىلدى، يەنە بىر ئەر چاقماق تېگىپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن سىتولبا ئاستىدا قېلىپ يارىلاندى.
بىرىسباننىڭ غەربىدىن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىپسىۋىچ (Ipswich) رايونىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى بەكلا ئېغىر بولۇپ، شەھەر پارلامىنت ئەزاسى پائۇل تۇللىي (Paul Tully) نىڭ دېيىشىچە، شەھەر مەركىزىدىكى بىر قىسىم كوچىلارغا لىق سۇ يىغىلىپ قالغان، بىر قىسىم چوڭ دەرەخلەرنىمۇ شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن، قاتناش ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.
يەرلىك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئورگىنىنىڭ ئۇقتۇرىشىچە، كەلگۈسى بىر ئايدا بىرىسباندا يەنە كۆپ قېتىم قارا بورانلىق يامغۇر ياغىدىكەن.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved