ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، قەنت مىقدارىنىڭ بەدەنگە ھەددىدىن ئارتۇق سۈمۈرۈلۈپ كېتىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تاماق ۋاقتىدا تاتلىق مېۋە شەربىتى ئىچمەي سۇ ياكى سۈت ئىچىش كۆرسىتىلگەن. تاماق ئۈستىلىدىكى ئىستىمالچىلار--بولۇپمۇ بالىلار ئەمدى مېۋە شەربىتى دېگەندەكلەر بىلەن خوشلىشىشى كېرەك.
قەنت تەركىبى بولغان ئىچىملىكلەر سالامەتلىككە زىيانلىق، ئاپېلسىن شەربىتىنىڭ زىيىنى ھەممىدىن ئېغىر. بىر ئىستاكان ئاپېلسىن شەربىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسسىقلىق مىقدارى 115 كالورىيە بولۇپ، بىر قۇتا كولادىن 24 كالورىيە تۆۋەن. ئەنگىلىيەنىڭ لوندون پادىشاھ ئىنىستىتوتىدىكى تومدىس پىرافىسسورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىشىلەر بىر تەرەپلىمە ھالدا مېۋە شەربەتلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان سېمىزلىك، دىئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار قىلىش خەتىرىگە سەل قاراۋاتىدۇ. ئەنگىلىيەدە، بالىلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدىنىدىكى قەنت تەركىبىنىڭ مىقدارى %40 ۋە %13تىن ئېشىپ كەتكەن.
ساندىس:« تاتلىق ئىچىملىك ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالماسلىق كېرەك، بالىلار چوقۇم سۇ ئىچىشى كېرەك. تاماق ئۈستىلىگە قويۇلىدىغىنى سۇ بولۇشى، ھەرگىزمۇ تاتلىق ئىچىملىك بولماسلىقى كېرەك» دېدى.
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېمىزلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تۇنجى مەسلىھەتچىسى سۇسان، ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم تاتلىق يېمەكلىلەرنى تاماق ئۈستىلىدىن ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا سۇ ياكى سۈت قويۇپ قويۇشى كېرەك دەپ قارىدى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved