تەڭرىتاغ تورى 24-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئاسىيا-ئافرىقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى ھىندىنوزىيە پايتەختى جاكارتادا 23-ئاپرېل ئاخىرلاشتى. يىغىندا كەڭ دائىرلىك بىردەكلىك ھاسىل بولدى، يەنە ئۈچ مۇھىم نەتىجە باياناتنامىسى ئېلان قىلىندى. ھىندىنوزىيە پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئاسىيا-ئافرىقا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ يىغىنىدىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىللەنگەن بىر يىغىن ئىكەنلىكىنى، ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىلىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋىدودو، يىغىندا «2015 باندۇڭ باياناتنامىسى» ، «ئاسىيا-ئافرىقا يېڭى تىپلىق ئىستىراتىگىيە ئورتاق مۇناسىۋىتىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇش باياناتنامىسى» ۋە «پەلەستىن مەسىلىسى باياناتنامىىسى» قاتارلىق ئۈچ نەتىجە ئۇچۇرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved