توردىن ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر قىلغان! يېقىندا تاۋباۋ تورىدىكى 700 دىن ئارتۇق تور دۇكىنىدا «ئەقىل بۆلۈنمىسىگە قىممەت تولۇقلاش» سېتىش تۈرنى يولغا قويغان، خېرىدارلار پەقەت ئىككى مو تۆلىسىلا، ساتقۇچى ئۇلارغا «IQ» دەپ خەت يېزىلغان كارتىنى ياكى مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىيىننىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار بۇ رەسىملەرنى سېتىۋالساق ئىمتىھاندا زېھنىمىز ئوچۇق بولىدۇ، ئەقىللىق بولىمىز دەپ ئېيتقان.
شياڭگاڭ «شەرق كۈندىلىك گېزىتى» 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، بەزى تور دۇكانلىرىنىڭ سېتىش مىقدارى قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 30 مىڭدىن ئېشىپ، 6000 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. «ئەقىل بۆلۈنمىسىگە قىممەت تولۇقلاش» يالغان ئىش بولسىمۇ، بېرىلگەن 600 دىن ئارتۇق باھانىڭ ئىچىدە پەقەت بىر كىشىلا ناچار باھا بەرگەن.
بەزى كىشىلەر تورداشلارنىڭ سېتىۋالغىنى قىزىقچىلىق، ئەمما ساتقۇچىنىڭ تاپقىنى بولسا ھەقىقىي پۇل-مال. بۇنىڭ بىر يامان نىيەتلىك سېتىش پائالىيىتى بولۇپ قېلىپ، ئىستىمالچىلارنى ئالداپ كېتىشىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تاۋباۋ تورى ئالدىنقى كۈنى، بۇ خىلدىكى «ئېلان تەشۋىق بۇيۇملىرى»نى مال جازىسىدىن ئېلىۋېتىدىغانلىقىنى ياكى مۇناسىۋەتلىك دۇكانلارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved