جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 25-ئاپرېل خەۋىرى: لەگلەك تورى تەرجىمىسى، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە 25-چىسلا، نېپالدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە، 15 ياشلىق بىر قىزنى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تام بېسىۋېلىپ قازا قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ، نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كاتماندۇ يېقىن ئەتراپتىكى بىر باغچا ئىچىدىكى ھەيكەل ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
جۇڭگو مېتورولىگىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ بېكىتىدە، 25-چېسلا نېپالدا 8.1 بال يەر تەۋرىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، نېپال پايتەختى كاتماندۇ، يەر تەۋرەشتە ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ كەتتى. ئۇندىن باشقا نەچچە ئون كىشى يارىلاندى ۋە دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.
شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ دىيىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۈستىدە ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرىدۇ. نېپالنىڭ ھۆكۈمەت رادىئو ئىستانسىسى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ ئاممنىڭ سىرتتا تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سوغۇققان بولۇشنى تەلەپ قىلدى .
نېپال ئاخبارات مىنىستىرى مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كۆپ ئىمارەت بۇزۇلغان، لېكىن ھازىر كونكرېت ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالى يوق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved