ئۇچۇرى نەچچە قېتىم ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، 2016-يىللىق نۇسخىدىكى سامسۇڭ Galaxy J1 يانفونى يىقىندا دۇبەيدىكى بىر قانچە ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىدا ھىچ داۋراڭ سالماستىنلا سېتىلىشقا باشلىغان، بۇ يانفوننىڭ باھاسى 499 دەرھەم بولۇپ، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 893 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.
ئالدىنقى بىر ئەۋلاد مەھسۇلات بىلەن ئوخشاشلا، 2016-يىللىق نۇسخىدىكى Galaxy J1 يانفونىمۇ تۆۋەن ئىستېمال بازىرىنى نىشانلىغان، بۇ يانفونغا ئېنىقلىقى 800x480 بولغان 4.5 دىيۇملۇق ئېكران، چاستوتىسى 1.3GHz بولغان تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ (Exynos 3475 بولۇشى مۇمكىن)، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 8GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، ئالدىغا ئىككى مىليون، ئارقىسىغا بەش مىليون پىكسېللىق كامېرا ۋە 2050 مىللىئامپىرلىق باتارىيە قاتارلىقلار سەپلەنگەن، 4G تورىنى قوللايدىكەن.
ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يانفون ئاق، قارا ۋە ئالتۇن رەڭلىك ئۈچ خىلغا ئايرىلىدىكەن، ھازىرچە باشقا رايونلاردىكى بازارغا سېلىنىش ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوقكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved