12-ئاينىڭ 1-كۈنى، نەنجىڭ شەھىرى لىجى كوچىسىدىكى ھال سوراش ئورنىنىڭ كونا جايىغا سېلىنغان كۆرگەزمىخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ياپون باسقۇنچىلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا قازا قىلغان قېرىنداشلارنى خاتىرىلەش سارىيىنىڭ تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەر جۇڭگودىكى تۇنجى «ھال سورىغۇچى» ئاياللار ئېتىراپ قىلغان «ھال سورىغۇچى ئاياللار» باش تېما قىلىنغان خاتىرە سارىيى ئىدى. ئىگەللىنىشىچە نەنجىڭ لىجى كوچىسىدىكى ھال سوراش ئورنىنىڭ كونا جايىغا سېلىنغان بۇ كۆرگەزمىخانا سۇس سېرىق رەڭلىك ئىككى قەۋەتلىك سەككىز قۇرۇلۇشتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتىسى كۆرگەزمە بىناسى، ئىككىسى ئىشخانا بىناسى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ كۆرگەزمىخانىدا 1600دىن كۆپ مەدەنىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، 400 دىن كۆپ رەسىم تاختىسى، 680 دىن كۆپ سۈرەت بار ئىكەن. نەنجىڭ لىجى كوچىسىدىكى ھال سوراش ئورنىنىڭ كونا بىناسىنى ئىلگىرى گومىنداڭنىڭ لېيىتنات گېنېرالى ياڭ جىنچىڭ 1935-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ياساپ چىققان بولۇپ، ئىككى قەۋەتلىك خىش بىلەن ياغاچ ئارىلاشتۇرۇپ سېلىنغان ئىمارەت ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا «جىنچىڭ يېڭى كەنتى» دەپ ئاتىلاتتى. 1937-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى نەنجىڭنى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىن، لىجى كوچىسى 2-نومۇرلۇق بىنانى «دوڭيۇن ھال سوراش ئورنى» قىلىپ ئۆزگەرىتتى، 18-نومۇرلۇق بىنانى «گۇشىياڭلۇ ھال سوراش ئورنى» قىلىپ ئۆزگەرىتتى. لىجى كوچىسى 2-نومۇرلۇق بىنانىڭ ئۈستىنكى قەۋەت 19-نومۇرلۇق ئۆيى چاۋشىيەنلىك «ھال سورىغۇچى ئايال» پۇ يوڭشىن ئەينى يىللىرى قامالغان جاي ئىدى. 2003-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۇ ئۆزى نەق مەيدانغا كېلىپ بۇ ئۆينى تونۇپ بەردى. لىجى كوچىسى بىردىنبىر ئەينى ۋاقىتتىكى ھال سورىغۇچى ئاياللار ئېتىراپ قىلغان ھال سوراش ئورنى بولۇپ قالدى. 222014-يىلى 11-ئايدا نەنجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت لى جى كوچىسىدىكى ھال سوراش ئورنى خارابىلىكىنى رېمونىت قىلىپ، قوغداپ، كۆرگەزمىخانىغا ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى. 2015-يىلى 12-ئايدا رەسمىي تۈردە ياساپ چىقتى. سۈرەتتە: كۆرگەزمىخانىدىكى ھەيكەلنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، بۇ ھەيكەل ئۈچ «ھال سورىغۇچى ئايال»دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھامىلدار بولۇپ قالغان ھال سورىغۇچى ئايال باش رول ئىدى، ئۇ بىر قولى بىلەن قورسىقىدىكى ھامىلىنى قوغدىسا يەنە بىر قولىنى باشقا بىر ھال سورىغۇچى ئايالنىڭ دۈمبىسىگە قويىۋالغان بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن ھالسىز، ئۈمىدسىز كۆرىنەتتى. پۈتۈن ھەيكەل «ھال سورىغۇچى ئاياللار» تۈزىمىنىڭ بىگۇناھ ئاياللارغا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ئازاپ-ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشنى، ياپون مىلىتارىزىمىنىڭ ئىنسانىيەتنى خالىغانچە دەپسەندە قىلغانلىقى ۋە ئاياللارغا كەلتۈرگەن جەبىر-زۇلۇمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەتتى. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، نەنجىڭ لىجى كوچىسىدىكى ھال سوراش ئورنىنىڭ كونا جايىغا سېلىنغان كۆرگەزمىخانا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ھەمدە سىناپ ئېچىۋېتىلدى.
سۈرەتتە: كىشىلەر كۆرگەزمىخانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
سۈرەتتە: كىشىلەر كۆرگەزمىخانا ئىچىدىكى ھال سورىغۇچى ئاياللارنىڭ قول ئىزى بېسىلغان تامنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى.
سۈرەتتە: پۇ يوڭشىن تونۇپ بەرگەن ئۆي
سۈرەتتە: كۆرگەزمىخانىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved