ياپونىيەدە توي قىلىش ئازلاپ، بويتاق توي سۈرىتى چۈشۈش مودا بولدى

     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، توي كىيىمى كىيىش ھەر بىر قىزنىڭ ئارزۇسى، ھەتتا توي قىلىش پىلانى يوق ياكى توي قىلىدىغان يىگىتى يوق بولسىمۇ، بۇ ئارزۇغا دەخلى بولمايدۇ. ياپونىيەدە توي قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ «بويتاق توي سۈرىتى» چۈشۈش بارغانسىرى مودا بولۇشقا باشلىدى.

    ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناگويا شەھىرى (Nagoya) دىكى زۇتتو سۈرەتخانىسى (ZUTTO PHOTO STUDIO) تەخمىنەن بىر يىل بۇرۇنلا «بويتاق توي سۈرىتى» مۇلازىمىتى تۈر خىزمىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، پەقەت «كېلىنچەك» كىلا يالغۇز توي سۈرىتى تارتىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ.

     خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ خىيال راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىماردىن ئىلھام ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئايال 30 ياش بولۇپ، ياشاش ۋاقتىنىڭ ئانچە ئۇزۇن قالمىغانلىقى ئاشكارىلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئانامغا ئۆزۈمنىڭ توي كىيىمى كېيىپ كېلىنچەك بولغان ۋاقتىمنى كۆرسىتىشىم كېرەك» دەپ ئويلىغان ۋە زۇتتو سۈرەتخانىسىغا كەلگەن.

بۇ ئايال راك كېسىلىنى داۋالىتىش مەزگىلىدە چېچى چۈشۈپ كەتكەچكە، زۇتتو سۈرەتخانىسى ئۇنىڭغا يالغان چاچ كىيدۈرگەن ۋە ياخشى گىرىم قىلغان. ئۇ ئايال ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۆزىنىڭ بويتاق توي سۈرىتىنى چۈشكەن.

42 ياشلىق فوتوگراف كوجى (Koji) مۇنداق دېدى:«مەن خېرىدارنىڭ بەخىتلىك ھالىتىنى كۆرگەندە بەكمۇ تەسىرلەندىم. گەرچە بۇندىن بۇرۇن سۈرەتكە چۈشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار بولسىمۇ، بويتاق توي سۈرىتىگە چۈشۈشنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.»

    زۇتتو سۈرەتخانىسى 29 ياشلىق يەنە بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئانىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بويتاق توي سۈرىتى چۈشۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى، بويتاق بولسا ۋاقىت ۋە پۇلنىڭ ئەركىنلىكىدىن بەھىرلەنگىلى بولىدۇ، توي قىلىش دېگەن تەقدىر-پېشانىدىكى ئىش ئىكەن. شۇڭلاشقا ئۆزۈمنىڭ ۋاپادارلىقىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بويتاق توي سۈرىتىگە چۈشۈشنى تاللىدىم.

      خەۋەردە دېيىلىشىچە، بويتاق توي سۈرىتىگە چۈشۈش تۈرى توي كىيىمى، گىرىم قىلىش، تەخمىنەن 250 پارچە سۈرەت ۋە خاتىرە سۈرەت توپلىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەققى تەخمىنەن 140 مىڭ يىن (تەخمىنەن 7560 يۈەن خەلق پۇلى) دىن باشلىنىدۇ. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، زۇتتو سۈرەتخانىسىغا كېلىپ بويتاق توي سۈرىتى چۈشۈشنى خالايدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيگەن ۋە زاكاسمۇ توختىماي قوبۇل قىلىنغان.

   بويتاق توي سۈرىتى چۈشىدىغان خېرىدارلارنىڭ يېشى 20 ياشتىن 69 ياشقىچە بولۇپ، بەزىلىرى ياش ۋاقتىدا توي كىيىمى كىيىپ خاتىرە قالدۇرۇش، بەزىلىرى توي ئىشى بۇزۇلغانلىقتىن كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇش، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىنىڭ بالىلىرى ئانىسىغا خاتىرە قالدۇرۇش قاتارلىقلار سەۋەبلەر بىلەن كېلىدۇ.

42 ياشلىق فوتوگراف كوجى مۇنداق دېدى: «كىشىلەرنىڭ بويتاق توي سۈرىتىگە چۈشۈشىنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل. بىز بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئازابنى يېنىكلىتىشنى خالايمىز. بۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە يېڭىچە بىر خىل مودا بولۇشقا باشلىدى».



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek