شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 27 - دېكابىر تېلېگراممىسى: 27- دېكابىر مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18- يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللاندى. دۆلىتىمىزنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ تۇنجى قانۇنى 38 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، 2016- يىلى 1- مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئائىلە زۇلۇمى ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇش (دۇمبالاش)، باغلاپ قويۇش، زىيان يەتكۈزۈش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە دائىم تىللاپ ھاقارەت قىلىشنى، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئائىلە زۇلۇمى پەيدا قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنى بويىچە جازالىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا، بىللە ياشايدىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى زۇلۇم سېلىش قىلمىشلىرىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازا بېرىلىدۇ.
ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە دۆلەت ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئائىلە ئەخلاقى ۋە ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىقى؛ ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى؛ خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئائىلە توقۇنۇشى، ئائىلە زىددىيىتىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقى؛ ھامىيلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھامىيلىق قىلىش ۋە تەربىيەلەشتە مەدەنىي ئۇسۇل قوللىنىش كېرەكلىكى، زۇلۇم سېلىشقا بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا ئائىلە زۇلۇمىنى ۋاقتىدا چەكلەش جەھەتتە مۇنۇلار بەلگىلەندى: مەكتەپ، يەسلى، داۋالاش ئورگانلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ئورگانلىرى، قۇتقۇزۇش ئورگانلىرى، پاراۋانلىق ئورگانلىرى خىزمەتچىلىرى خىزمەت قىلىش داۋامىدا ھەق تەلەپ ئىشلىرى ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان بولسا ۋە ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانمىكىن دەپ گۇمان قىلغان بولسا، ۋاقتىدا ج خ ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىم تۈزۈم چىقىرىلدى. ئالاقىدار كىشى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىق ياكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىك سەۋەبىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بۇنداق ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە 72 سائەت ئىچىدە كېسىم چىقىرىدۇ، ئەھۋال جىددىي بولغاندا 24 سائەت ئىچىدە كېسىم چىقىرىدۇ. جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ قوغداش دائىرىسى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار يېقىن كىشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ، ج خ ئورگانلىرى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ماسلىشىپ ئىجرا قىلىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved