2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 13-ئىيۇن سەھەر سائەت 4:00 ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:00 دە ئېلىپ بېرىلدى، قارشىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ساھىبخان كوماندا برازىلىيە بىلەن كرودىيە بولدى، مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كرودىيە كوماندىسىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، برازىلىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى مارسېلو ئۆزىگە بىر توپ كىرگۈزۈپ قويدى، كېيىنكى مۇسابىقە جەريانىدا برازىلىيە كوماندىسى ئۆزىنى چاققانلا ئوڭشىۋېلىپ 10-نومۇرلۇق پۇتبۇل چولپىنى نېيمارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىدە نېيمار ئىككى توپ، ئوسكار بىر توپ كىرگۈزدى، ئاخىرقى نەتىجە برازىلىيە كوماندىسى 1:3 نەتىجە بىلەن كرودىيە كوماندىسىنى يەڭدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved