شىياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىنگاپورلۇق 46 ياشلىق ئايال-لىيۇ لىلى (Lily Low) بولسا ئىسمى-جىسمىغا لايىق مۈشۈك مەستانىسى بولۇپ، بۇ ئايال مۈشۈكلەرگە يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق بىساتىنى خەجلەپ تۈگىتىۋەتكەن. لىيۇ لىلى مۈشۈكلەرنى بېقىش ئۈچۈن ئۆزى ھەمىشە بىر كۈندە پەقەت بىرلا ۋاق تاماق يەيدىغان بولۇپ، بەزى چاغلاردا ھەتتا ئىككى كۈنلەپ تاماقمۇ يېيەلمىگەنلىكتىن ئورۇقلاپ ياغاچتەك بولۇپ قالغان، لېكىن لىيۇ لىلىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تۇرمۇش ئۇنى تېخىمۇ خۇش قىلالايدىكەن.
شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىيۇ لىلى ئەسلىدە مەلۇم ئېلان شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئېشىنچە پۇلى خېلى كۆپ بولغاچقا ئۆزى خالىغان كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ، ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن. ئۇ 17 يىل بۇرۇن تۇنجى سەرگەردان مۈشۈكنى بېقىۋالغان بولۇپ، كېيىنچە ئۇ بېقىۋالغان مۈشۈكلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ 80 نەچچىگە يەتكەن، بۇ ئارلىقتا، لىيۇ لىلى بېقىۋالغان مۈشۈكلەرنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازى ۋە سېسىق پۇرىقى كىشىلەرنى بىزار قىلغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان، شۇنىڭ بىلەن لىيۇ لىلى مەلۇم دۇكاننىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved