ھەرخىل پاراڭلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى(China Mobile)نىڭ پايدىسىنى چۈشۈرۋەتتى. پۈتۈن يەرشارى ئابونت سانى ئەڭ كۆپ بۇ شىركەت 14يىلدىن بىرى تۇنجى قىتىم مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىدى،بۇنىڭ سەۋەبىنى تىڭشۈن(Tencent)ۋەئۈندىدار(WeChat)قاتارلىق پاراڭلىشىش دىتاللىرى سەۋەپ بولغان دىدى.
بۇ شىركەت يەنە ئالما (Apple) شىركىتنىڭ iPhone تىلفۇنلىرىغا ياردەم پۇلى بىرىدىغانلىقىنى ،بۇنىڭمۇ پايدا كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىكى چوڭ سەۋەپ ئىكەنلىكىنى ئىيتتى.جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تور بىكىتىدە iPhoneسىتىشقا باشلىغان.2013-يىلى ساپ پايدا %5.9پىرسەنت تۆۋەنلەپ كىتىپ 1218مىليون خەلق پۇلى (195مىليون ئامرىكا دوللىرى )غا يەتكەن.بۇ 1999-يىل بۇيانقى تۇنجى قىتملىق تۆۋەنلەش ئىكەن.
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۆتكەن يىلقى يانفون قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى (SMS) دىن تاپقان پايدىسى 1200مىليون ئامرىكا دوللىرىغا قارىغاندا ،ھەقسىز پاراڭلىشىش ۋاستىلىرى ئەپ كەلگەن قىزغىنلىق بىر چوڭ مەسىلە بوپ قالدى.بەزى بازار ئاچقۇچىلار يئىڭى مۇلازىمەت بىلەن ئۇلارغا زەربە بەرمەكچى بولدى،ھەم 4Gمۇلازىمىتىنىڭ تىزراق قىممەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەمدىلا ئۆزىنىڭ4G تورىنى قۇرغان بولۇپ،بۇ يىل چوقۇم 750مىليون ئخەلق پۇلى مەبلەغ سىلىشى كىرەككەن.
ھازىر بۇ مەبلەغ تىخىچە رولىنى كۆرسەتمىگەن،چۈنكى سانلىق شىفىر مۇلازىمەت پايدىسى يەنىلا ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە يەتمەيدىكەن،يەنە كىلىپ جوڭگۇدىكى 7.75مىليون ئابونت ئىچىدە پەقەت 1.34مىليون ئابونتلا4Gمۇلازىمىتىنى ئشلىتىدىكەن.
جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە 4Gتىلىغۇنىدىن 1مىليوننى سىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىيىتقان.ئالما تىلىفۇنىنىڭ سىتىلىش ئەھۋالىمۇ بۇ پىلانغا ياردەم قىلدىكەن.
جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى بۇ خەۋەرنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن،پايچەك سوممىسى %3.6چۈشۈپ كەتكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved