مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە 4 كۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، زاپاس مىقدارى، پىشاڭ، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، كەم جايلارنى تولۇقلاشتىكى بەش چوڭ مۇھىم نۇقتا، ھەمدە پۇل سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ جانلىق، لايىقىدا بولىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركىزى بانكا 2016-يىلى 6 قېتىم ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى، ئۆسۈم نىسبىتىنى 20-50 BP تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.
تۆت كۈن داۋاملاشقان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى يېپىلدى، ئومۇمىي يىغىندا تەمىنلەش ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىپ، ئومۇمىي ئامىللار ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 13-بەش يىللىق يىڭى دەۋرىگە كىرىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى.
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى تەمىنلەش باشقۇرۇش تەپسىلاتلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردى. 2015-يىلى ئۆسۈم نىسبىتى 5 قېتىم تۆۋەنلىتىلدى، 2016-يىلى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش 2016-يىلى كارخانىلار پايدىسىنىڭ ياخشىلىنىشىدا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4746 يۈەن؛
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved