جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ21-كۈندىكى تېلىگراممىسى ، لەگلەك تورى تەرجىمسى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلشىچە، مىسىر پىرىزدېنىت سايلىمنىڭ چەتئەلدىكى بىلەت تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشقان بۇلۇپ ، مىسىرنىڭ ئالدىنقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى، پىرىزدېنىت نامزاتىنىڭ بىرى بولغان سېسىنى قوللاشنىسبىتى ٪95 كە يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن سېسىنىڭ رەقىبى بولغان ساباشنى قوللاش نىسبىتى كۆپ ئارقىدا قالغان.
مىسىر مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرىزدېنىت سايلىمنىڭ تۇنجى ئايلانما بىلەت تاشلاش پائالىيتىنى ئېلىپ باردىغان بۇلۇپ سايلام نەتجىسى ئەڭ كىچىككەندىمۇ 6-ئاينىڭ5-كۈنى ئېلان قىلنىدىكەن. بۇندىن بۇرۇن، مىسىر پىرىزدېنىت سايلىمى نامزاتىنى تاللاش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشلىرى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاياغلاشقان بۇلۇپ، پەقەت ساباش بىلەن سېسىلا نازاتلىققا ئىلتىماس سۇنغان ھەمدە پىرزىدېنىت سايلىمى نامزاتى شەرتلىرىگە مۇناسىپ كەلگەن.
خەۋەر قىلنىشچە، بۇ ئايلانما چەتئەلدىكى خادىملارنىڭ بىلەت تاشلاش خىزمىتى مىسىر چېگراسى سىرتىدىكى پۈتۈن مىسىر پۇقرالىرىغا ئېچۋىتىلگەن بۇلۇپ، ئۇلار پەقەت تىزمىغا ئالدۇرۇش ۋە كىملىكنى تىزىملىتىش ئارقىلىقلا سايلامغا قاتناشسا بۇلدىكەن. مىسىر سايلام ھەيئىتىنىڭ 20-چېسلا ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى بىلەت تاشلاش نەتىجسى 2012-يىلدىكى پىرىدېنىت سايلىمدا تاشلانغان بىلەت سانىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن.
ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نەزىردە، سېسى قالايىمقانچىلىق ۋە قانلىق ئىنقىلابتىن كىيىنكى خەتەر ئىچىدىكى مىسىرنى قۇتقۇزالايدىغان ‹‹قۇدىرەتلىك ئادەم›› بۇلۇپ، قوللىغۇچىلىرنىڭ قارشى ئېلشى ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرشىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ كىيىنكى ئايدا پىرىزدېنىتلىققا سايلىنىش ئۈمۈدى بەك چوڭ ئىكەن. سېسى بىلەن ساباش ئىلگىرى خەلقنى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلدىغان چوڭ سايلامدا ئاكتىپلىق بىلەن بىلەت تاشلاشقا مۇراجىئەت قىلغان.
2013-يىلى 7-ئايدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا تەۋە بولغان ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت پارتىيسىنىڭ رەئىسى، مىسىر پىرىزدېنىتى مۇرسى مىسىر ھەربىي تەرەپ تەرپىدىن ۋەزىپىسدىن قالدۇرۇلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، مىسىر ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تىزىمغا ئالدۇرغان ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتلارنى رەسمىي تارقىتۋەتكەنلىكنى ئېيتقان. مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ تارقىتۋىتلشى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلۇق سالاھيىتىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدىغانلىقدىن دېرەك بىرىدۇ.
ئىسلام پارتىيسدىكلەرنىڭ قارشىچە بۇ بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ، ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان چوڭ سايلاممۇ بىر ‹‹كۈلكىلىك ئۇيۇن›› ئىكەن. ‹‹ قانۇنلۇقنى قوللاش مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى››تەشكىلاتىمۇ بىلدۈرۈپ ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكنىڭ سايلامنى نازارەت قىلشىنى ئېتراپ قىلمايدىغانلقنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ قارشىچىمۇ بۇ قېتىملىق سايلام بولسا سىياسىي ئۆزگۈرۈشنى قوللايدىغان غەرىب دۆلەتلىرنىڭ سۈيقەستى ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved