سىز بەلكى ساھىبجامال بىلەن ياۋايى ھايۋاننىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، بىراق سىز بىر ئەر بىلەن ياۋايى ھايۋاننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ئالېكىس تارىفا (Alex Tarifa) ئىسىملىك فىرانسىيەلىك بىر ئەر ئۆزى باققان يېتىم كەركىدان بالىسى بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشۈپ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى تەسىرلەندۈرگەن.
رەسىمدە، بەدەن شەكلى كېلەڭسىز كەلگەن بۇ كەركىداننىڭ چىراي ئىپادىسى ئىنتايىن ئوماق بولۇپ، يا بولمىسا ئالېكىس ئوغرىلىقچە سۆيۈۋالاتتى، ياكى بولمىسا كەپسىزلىك قىلىپ ئالېكىسنىڭ كۆينىكىنى چىشلەيتى، ۋە ياكى بولمىسا ئۇنىڭ يېنىدا جىمجىت ياتاتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەر كىشىگە ئىنتايىن ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان بولۇپ، ئادەم بىلەن ھايۋانات ئوتتۇرسىدىكى ئىناق ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىنتايىن مايىل قىلىۋالغان ئىدى.
بۇ كەركىدان بالىسى ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن مۇھاپىزەت رايونىغا ئاپىرىپ قويۇلغان. ئالېكىس بۇ كەركىداننى بېقىۋالغاندا ئۇ ئەمدى تېخى بەش ئايلىق بولۇپ، كېيىن ئالېكىسنىڭ ئوبدان قارىشى ئاستىدا، بۇ كەركىدان بارا-بارا چوڭ بولۇپ، شوخلىشىپ كەتكەن، ھەمدە ئالېكىس بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى ئورناتقان. ھازىر بۇ كەركىدان بىر ياشقا كىرگەن بولۇپ، رەسىمدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ ئالېكىس كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى ئاستىدا ناھايىتى خوۇشال ئۆتمەكتە.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved