مادىرد تارقىتىش ھەققى تەقسىماتى ئۈچۈن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بىلەن قارشىلاشتى

     يېرىم يىل ئىلگىرى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ يېڭى تارقىتىش ھەققىنى تەقسىملەش لاھىيەسىنى ماقۇللىغان. بۇ لاھىيەنىڭ يادرولىق ئىدىيەسى بولسا «باي-نامرات باراۋەر» ھەمدە 2016\\17-پەسىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئىسپانىيە ئا، ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى بارلىق 42 كۇلۇب ئىچىدە، پەقەت مادرىدلا قارشى پىكىر ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە كۈنى، مادرىد ئىسپانىيە كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسى بىلەن رەسمىي ھالدا تىركىشىپ سوتقا چىقتى. بۇ بىرلەشمىدە بولسا ئىسپانىيە ئا، ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسى باشقۇرغۇچى تەرەپ ۋە تىجارەتنى يۈرۈشتۈرگۈچى تەرەپ. تارقىتىش ھەققىنى تەقسىملەش ئۈچۈن، مادرىد ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى.

   ھاىزرقى شەكىل بويىچە، بارسېلونا، مادرىد تارقىتىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل ساتىدۇ، باشقا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلار تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىشقا باغلىنىپ قالغان. بۇ ئىسپانىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى قوشماقنىڭ تارقىتىش ھوقۇقى تەرەپتە كىرىمىنىڭ مول بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، باشقا كۇلۇبقا ئىنتايىن ئاز تەقسىم بولىدۇ. يېڭى لاھىيە بويىچە، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى 20 كۇلۇب ئومۇميۈزلۈك تارقىتىش ھوقۇقىنى ساتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە %45 لىك ئوتتۇرچە تەقسىمات ئا دەرىجىدىكى 20 كۇلۇبقا بېرىلىدۇ، %45 لىك تەقسىمات كوماندىنىڭ ئىپادىسى ۋە تارقىتىش مەيدان سانى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ، قالغان %10 قىسىمى ئىسپانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبقا تەقسىم قىلىنىپ، ئىسپانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يېڭى لاھىيە بويىچە، بارسېلونا، مادرىد زىيان تارتىدۇ، ئەمما ئىسپانىيە ئا، ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كۇلۇبنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. بارسېلونا بۇرۇن بۇ پىلاننى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما مادرىد قارشى تۇرۇشقا باشلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ مادرىد ئىقتىسادى سوت مەھكىمىسىگە كېلىشكە مەجبۇر بولدى.

    يېڭى لاھىيەگە قارىتا، مادرىد قىسمەن قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئەمما ئا، ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە 9:1 لىك نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ، مادرىد بۇ نىسبەتنىڭ 6:4 بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 6:4 لىك نىسبەت بويىچە، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى كۇلۇبنىڭ تارقىتىش كىرىمى چوڭ نىسبەتتە تۆۋەنلەيدۇ. مادرىد باشقا سودا ۋاستىسى ئارقىلىق مەبلەغ توپلايدۇ، مادرىدقا ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ، ئەكىسچە ئوتتۇرا-كىچىك كۇلۇبلارغا ئېغىر زەربە بولىدۇ. «ئاس گېزىتى» مادرىد ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى رەقىبىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ دەپ ئۇدۇللا ئېيىتتى.

   مادرىدنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ قوبۇل قىلىشنى ئويلاشمىدى. ئورگان تەرەپ ئاللىقاچان ھەرقايسى كۇلۇبقا ئۇقتۇرۇش قىلدى، يېڭى تارقىتىش ھەققى تەقسىمات لاھىيەسىنى كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يولغا قويۇش قىيىن. ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىرى كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى، مادرىد شۇ سەۋەبتىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى بىلەن تىركىشىپ سوتقا چىقىشنى تاللىدى. «ئاس گېزىتى» بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوت جەريانىدا، ئەڭ تېز بولغاندا كېلەر يىلى يازدا ئاندىن نەتىجىسى چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىدى



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek