گېرمانىيەنىڭ كىلون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ساقچىلارغا جىددىي يىغىن ئاچقان بولۇپ، تەخمىنەن 80 دىن ئارتۇق ئايال بۇندىن ئىلگىرى يېڭى يىل ھارپا كېچىسى نۇرغۇن ئەرنىڭ جىنسىي زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە بۇلانغانلىقى توغرىسىدا دېلو مەلۇم قىلغان.
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كىلون شەھەر مەركىزىدىكى ۋوگزالدا نۇرغۇن ئايالنىڭ زور بىر تۈركۈم ئەرنىڭ جىنسىي زوراۋانلىق قىلىشقا ئۇچراش دېلوسى گېرمانىيەنى چۆچىتىۋەتكەن. تەخمىنەن 1000 غا يېقىن ھاراق ئىچىۋالغان ۋە ھۇجۇم قىلىش كۈچىگە ئېگە ياش ئەر دېلو سادىر قىلىشقا قاتناشقان.
كىلون شەھەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ زور كۆلەملىك دېلو بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، دېلو سادىر قىلغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەبلەر ۋە شىمالىي ئافرىقىلىقلارغا ئوخشايدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ھامبۇرىگ شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئايال جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمما گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، داڭلىق كىلون ئىبادەتخانىسى ئەتراپىدا دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئەڭ ئېغىركەن.
ئاز دېگەندە بىر ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىنغان، نۇرغۇن ئايال جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىغان، دېلو مەلۇم قىلغانلارنىڭ كۆپنىچىسى بۇلانغان ئاياللار بولۇپ، بىر ئايال ساقچىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى شۇكى، ھۇجۇم قىلغۇچىلار تەشكىللىك پىلانلىق ھەركەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنكەن، تەخمىنەن 1000 غا يېقىن ئەر توپلىشىپ ئۇ جايغا بارغان، ئەمما ئۇلارنىڭ نىشانى ئاياللارغا جىنسىي زوراۋانلىق قىلىشتىن ئىبارەت.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved