مۇخبىرنىڭ 28-سېنتەبىر تۆمۈر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر سەپەر قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋوگزاللارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق قاتارلىق مال مۈلۈككە دەخلى تەرز يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، جايلاردىكى تۆمۈر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى مال مۈلۈككە دەخلى تەرز يەتكۈزۈش دېلو ئەھۋالىغا قارىتا، خەلق ئەسكەرلىرىنى تۇتۇلغان گۇماندارلارنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، پائالىيەت ئىزىنى ئىگىلىگەن. نۇقتىلىق ۋوگزال ، رايونلاردا پۇقراچە كىيىنىش، باشقا جايدا ئالمىشىپ ئالدىنى ئېلىش، كىرىشتۈرۈپ ئىز قوغلاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق قاتارلىق يولۇچىلارنىڭ مال-مۈلكىگە دەخلى تەرز يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىگە ۋاقتىدا زەربە بەرگەن.
مەيدان، بېلەت سېتىش ئورنى، پويىز ساقلاش ئورنى، سۇپا ھەمدە يولۇچىلار پويىزلىرىدا ئاشكارا كىيىنىش ۋە پۇقراچە كىيىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، ۋوگزال رايونىدىكى ئېلېكتىرونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان، 24 سائەت دىجورنىلىق قىلىپ، يوچۇق قالدۇرمىغان. تۆمۈر يول ساقچى دائىرىلىرى ئاممىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە قوزغاپ، مۇكاپاتنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved