يەرشارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، تەيۋەن تاراتقۇلىرى 15 - چىسلا خەۋىرىگە قارىغاندا تەيۋەن دېڭىز ئارمىيەسى ئاتىموسفېرا دېڭىز ئىدارىسنىڭ سابىق سىياسى جەڭ باشقارمىسنىڭ باشلىقى جاڭجىشىن ئككى قېتىم كاندوركىغا چىققان مەزگىلدە چوڭ قۇرۇقلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرەپتىن سېتىۋېلىنغانلىقى ھەم جەدىۋەل توشقۇزۇپ جۇڭگو كومنىست پارتىيىسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى . تەيۋەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 15 - چىسلا ئۇنىڭ ئەرزىنى قايتۇرۇۋەتتى . قۇرۇقلۇق دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي قانۇنىي بويىچە دۈشمەنگە ياردەملىشىپ جاسوسلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا 15 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىدۇ .
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى 15 - چىسلا خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھۆكۈمدە ئيتلىشچە جاڭجىشىن سىياسى جەڭ قىلىش مەكتىپىنىڭ مەخسۇس كۇرۇسىسىنى پۈتتۈرگەن ، 2008 - يىل 11 - ئايدىن 2012 - يىل 5 - ئايغىچە دېڭىز ئارمىيىسى ئاتموسفېرا دېڭىز ئىدارىسنىڭ سىياسى جەڭ باشقارمىسنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن . 2010 - يىل ئۇ ئايالى بىلەن سابىق سىتارشى لىتنات چىيەنجىنگونىڭ تەكلىپى بىلەن فىلىپپىنغا ساياھەتكە بارغان . ھەم چوڭ قۇرۇقلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرى خادىملىرىنىڭ 2000 دوللار پۇلىنى تەشكىلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئەمەلدار سېتىۋېلىش ، ئاخبارات ھەققى ئۈچۈن ئالغان . شۇ يىلى 12 - ئايدا جاڭجىشىن يەنە تەكلىپكە بىنائەن مالايسىياغا ساياھەتكە بارغان ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ 1900 دوللار ھەققىنى ئالغان . جاڭجىشىن دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي كادىرى تۇرۇپ ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن ھەربىي ئىشلار قارمۇ قارشى ھالەتتە . قۇرۇقلۇق دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي قانۇنىي بويىچە ئاتالمىش دۈشمەنگە ، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ .
ئۇ 2008 - يىلى 8 - ئايدا جوڭگۇ كومنىستك پارتىيەسىگە كىرىش ئىلتىماسىنى توشقۇزغان ، يەنە كۆپلىگەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي ئەمەلدارلارنى مالايسىيا قاتارلىق يەرلەرگە بېرىپ چوڭ قۇرۇقلۇق ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان . مەركىزىي ئاگېنتلىقى ئېيتىشىچە گاۋشيۇڭ تەرەپ بۇنىڭدىن بۇرۇن جاڭجىشىننىڭ قىلىمىشى تەيۋەن تەرەپكە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزمىدى . دۈشمەنگە پاردەملىشىپ جاسۇسلۇق پائالىيتى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايىتى ئۈچۈن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرىلگەن . دىلونى يۇقىرىغا سۇنۇپ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 15 - چىسلا قايتۇرۇپ ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved