رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى 30-نويابىر مۇنداق دېدى: خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتمىدى، ئوتتۇرا مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىدىن قارىغاندا ھەر بىر توڭ نېفىتنىڭ باھاسى 85 دىن 90 ئامېرىكا دوللىرىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ شۇ كۈنى رۇسىيە مۇستەقىللىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: خەلقئارا نېفىت بازىرىدا تەمىنلەشتىن ئېھتىياج يۇقىرى بولماقتا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىينىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۆلچەردىكىدەك بولماسلىقى، ياۋروپا ئەللىرى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولۇشى قاتارلىق ئامىللار نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ مۇنداق دېدى: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلاتنى ئازايتماسلىقى مۆلچەرىمىزدىكى ئىش بولۇپ، بۇ قارار رۇسىيەگە پايدىلىق.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved