يېقىندا ،بىر تورداش تىيەنيا تورىدا ،2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ،سىڭلىسىنىڭ خاربىن تىببىي ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ئىككىنچى دوختۇرخانىدا داۋالانغاندىن كېيىن ،ساقايماي ئۆلۈپ كەتكەن ،ئەمما كىشىنىڭ ئىدىيسىدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى ،دوختۇرخانا 2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتە سىڭلىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىنمۇ ،يەنە داۋاملىق ئۆلگۈچى ئۈچۈن 220مىڭ يۈئەنلىك داۋالاش ھەققى يازغان .
‹ئۆلگۈچى ئۈچۈن دورا يېزىش ›بۇنداق بولمىغۇر ئىشنى پەقەت كىتاپلاردا تېلۋىزوردىكى كىنولاردىلا كۆرەتتۇق ،بىراق كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردىغان ،ئىدىيسىدىن ئۆتمەيدىغان بۇ ئىش خاربىن شەھەرلىك ئىككىنچى دوختۇرخانىدا يۈز بەردى ، بۇ ئىش دوختۇرخانىنىڭ ۋىجداننى سېتىپ پۇل تېپىشتەك رەزىلل قىلمىشىنى ئاشكارلىدى ،بۇ ئىشتىن كېيىن ئىككىنچى دوختۇرخانىدىن چىققان بۇ ئىش ‹نېمىشقا بىمار ئۆلۈپ بىر ئىككى كۈنگىچىمۇ داۋالاش ھەققىنى ئېلىش داۋاملىشىدۇ ؟›دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى .
ئادەمگە قۇبۇل قىلىش تەس بولغىنى ، ئۆلگۈچى ئائىلە تاۋاباتلىرىغى ئېغىر روھىي ئازاپ ۋە ئىقتىسادىي يۈكنى تاشلاپ قۇيۇپ كەتكەن ۋاقتىدا ، بۇ دوختۇرخانا ئاكتىپ بۇلۇپ ،ئۆلۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي قويغان ،شۇنداقلا ھېچكىمكە ھېچقانداق چۈشۈەندۈرۈش بەرمىگەن .بۇنداق داۋالاش ،بۇنداق نەتىجە ‹دوختۇرلار مېھرىبان ›دېگەن مەدىھىيەگە بولغان قاراشلارنى ئۆزگەرتىۋېتەمدۇ قانداق ؟ مۇشۇنداق بولىۋەرسە قايسى بىمار خاتىرجەم ھالدا كېلىپ داۋالىنالايدۇ ؟
چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا ، 2005-يىلى بۇ دوختۇرخانىدا ‹55مىلىيونلۇق داۋالاش ھەققى قۇشىۋېلىش › ۋەقەسى يۈز بەرگەن ،ھەمدە بۇ ۋەقە داۋالاش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ دىلوغا ئايلانغان .بۇ جەھەتتى قارىغاندىمۇ ،ئىككىنچى دوختۇرخانىدا ئىلگىرىلا نورمالسىزلىق تەرتىپسىزلىك يۈز بەرگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved