سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 17 – سېنتەبىردىن 18 – سېنتەبىرگىچە 1 – سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئەيىبلىگەن ئىلھام توختىنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش دېلوسىغا قاراپ چىقتى. جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ھاۋالە قىلغان ئىككى ئادۋوكات سوتقا قاتنىشىپ، ئىلھام توختىنى ئاقلىدى. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش جەريانىدا جاۋابكارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىدا دەۋا قىلىشىغا قوشۇلدى ھەم جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈردى.
سوت مەھكىمىسى ئەيىبنامىدە ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتلىرى ۋە دەلىل – ئىسپاتلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئىسپات كۆرسىتىپ، ئىسپاتنى دەلىللىدى ۋە سوتتا مۇنازىرىلەشتى، جاۋابكار ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلدى.
جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما ئىككى كۈنلۈك سوت ئېچىپ سوت قىلىش ئەھۋالىنى چەتتىن ئاڭلىدى.
18 – سېنتەبىر سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنى مەلۇم ۋاقىتنى تاللاپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خەۋەر مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى
http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-09/19/content_376045.htm
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved