ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇشۇ سىستېما قاچىلاش جەھەتتىكى بەزىبىر قىيىنچىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىر كەڭ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بارماق دىسكا ئارقىلىق سىستېما قاچىلاش دەرسلىكىنى سىنغا ئېلىپ چىقتىم. بۇ تۇنجى قېتىم سىن دەرسلىك ئىشلىشىم بولغاچقا نۇقسانلاردىن خالىي بولغىلى بولمىدى، شۇڭا كەڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
بۇ دەرسلىك camtasia studio دا سىنغا ئېلىندى. Win8.1 سىستېمىسىدا مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش جەريانى كۆرسىتىلدى. شۇڭا ئەمەلىي كومپيۇتېرغا قارىغاندا بەزىبىر ئوخشىماسلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسكەرتىش بېرىلدى. يەنىلا ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا مۇشۇ تېما ئاسىتىغا ئىنكاس شەكىلىدە سورىساڭلار كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بېرىمەن.
بۇ دەرسلىكتە سۆزلەنگەن سىستېما قاچىلاش ئۇسۇلى بولسا بىر قەدەر كەسپىيلەشكەن ئۇسۇل بولۇپ قاتتىق دېتالدا مەسىلە يوقلا كومپيۇتېر بولسا، توكى بولسىلا بىر بارماق دىسكا بىلەن ھەرقانداق كومپيۇتېرغا windows نىڭ ھەرقانداق نەشىردىكى سىستېمىسىنى قاچىلاشقا تامامەن بولىدۇ، يەنى بۇ قورالنى ئادەتتە مەخسۇس كومپيۇتېر ئېلىپ-ساتارلار، رېمونت قىلىدىغانلار ۋە ئىشتىن سىرىت كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى يېنىدا ھەمىشە بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان جابدۇقى دېسەك بولىدۇ.
ئەگەر كومپيۇتېرنى يېڭىدىن سېتىۋالغان بولسىڭىز ۋە ياكى سىستېمىدىن مەسىلە چىقىپ نورمال قوزغىتىپ سىستېما قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ئۇسۇل بىلەن ئاسانلا مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز، يەنى يېڭى كومپيۇتېرنى خالىغانچە رايونلارغا بۆلۈش، ئىلگىرىكى سىستېمىنى ئوڭشاش، ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى زاپاسلاپ باشقىدىن سىستېما قاچىلاش، قوش سىستېما، ئۈچ ۋە ياكى ئۇندىن كۆپ سىستېما، ئارىلاش سىستېما، مەسىلەن windows بىلەن linux دېگەندەك ھەرخىل ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشتا ناھايتى ئۈنۈملۈك قورالدۇر.:
بۇ دەرسلىكنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىپ تارقاتتىم، مەقسىدىم مۇشۇ سىستېما قاچىلاشتا قىيلىنىپ قالغان قېرىنداشلىرىمغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن، شۇڭا مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئەھۋالدا ھەرقانداق يەردە تارقاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. لېكىن خەقنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزۈمنىڭ دەيدىغان بەزى دەييۈزلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام ئاسانلىقچە بولدى قىلمايمەن。
بۇ دەرسلىكنىڭ سىن ھۆججىتىنى يوۋكۇغا يوللىسام بەك تۇتۇق بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا چۈشۈرۈش ئادېرسىنىمۇ بىللە قالدۇردۇم، سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرگەيسىلەر
چىيەنناۋ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش:http://qiannao.com/file/adilahtam/8a7e4f1e/
خۇاۋېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش:http://dl.vmall.com/c0ig274vws
دەرسلىكتىكى بارماق دىسكىدىن قوزغىتىش پروگراممىسى ياساش دېتالىنى چۈشۈرۈش:http://u.diannaodian.com/
تەۋسىيە: مەن ھازىرغىچە يۈز نەچچە قېتىم سىستېما قاچىلاپ تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ سىلەرگە تازا ئەسقاتىدىغان بىلىملەردىن بىر قانچىنى سۆزلەپ بېرەي. 1. ئەگەر قوش ياكى ئۈچ سىستېما قاچىلىماقچى بولسىڭىز، مەسىلەن winxp+win7, win7+win8, winxp+win7+win8 قاتارلىق ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىنى لايىقىدا رايونغا ئايرىشمۇ قوش ياكى ئۈچ سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىشتىكى قولايلىق، مۇقىملىق ۋە ئۈنۈمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل، ئەگەر قوش سىستېما قاچىلىماقچى بولسىڭىز تەۋسىيەم: 40 ياكى 50 گېگابايىتلىق قىلىپ دىسكىنىڭ بېشىدىن ئىككى رايون ئايرىپ ئىككىلىسىنى ئاساسىي رايون يەنى 主分区 قىلىپ بەلگىلەپ دىسكىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى ئاساسىي رايونغا نەشىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاڭ، ئىككىنچى رايونغا نەشىرى سەل تۆۋەنرەك بولغان سىستېمىنى قاچىلاڭ، قاچىلىغاندا باشقا ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئاۋۋال مەن دەرسلىكتە سۆزلىگەن ئۇسۇل بىلەن ئىككى رايونغا ئىككى سىستېمىنى قاچىلاپ بولۇپ ئاندىن قوراللاردىن windows 启动修复,引导修复 دېگەن قورال بىلەن بىر قېتىم رېمونتلاپ قويسىڭىزلا ئىككىلا سىستېما نورمال قوزغىلالايدۇ. ئۈچ سىستېمىنى قاچىلاشمۇ پرىنسىپى ئوخشاش.
سىستېما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ۋىروسخور قاچىلاڭ، ئاندىن تورغا ئۇلاپ 驱动精灵 دېگەن دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بارلىق يېڭىلاشقا ۋە رېمونتلاشقا تېگىشلىك قوزغاتقۇچ پروگراممىلارنى تولۇق يېڭىلاڭ. ئۈچۈنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى قاچىلاش بولسۇن. ئاخىرىدا ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن باشقا دېتاللارنى قاچىلاڭ، دېتال قاچىلاشتىمۇ ھۈنەر بار، سىز ھەممىنى قارا قويۇق C دىسكىغا قاچىلاۋەرمەڭ، پەقەت ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ۋىروسخور، تورغا ئۇلاش دېتالى، قوزغاتقۇچ رىمونتلاش دېتالىنى سىستېما دىسكىسىغا قاچىلاپ باشقا دېتاللارنى ئامال بار سىستېما دىسكىىسغا قاچىلىماڭ. بۇنداقتا سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىنى، بىخەتەرلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، بەزى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان دوستلار يېڭى سىستېما قاچىلىسىمۇ بىرەر ھەپتە ئۆتمەيلا سىستېمىسى ئېشەكتىن ئۆتە ئاستىلاپ كېتىدۇ، سەۋەبى بولسا ھەممە دېتاللنى سىستېما دىسكىسىغا قاچىلىسىڭىز سىستېمىنىڭ ئوقۇش يېزىش، ئىزدەش، ئىجرا قىلىش سۈرئىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇندىن سىرىت نۇرغۇن دېتاللار تورغا ئۇلانغاندىن كېيىن قالدۇق ھۆججەت ۋە ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن كىنو كۆرۈش دېتاللىرى، شۇڭا ھەر قانچە چوڭ دىسكىڭىز بولسىمۇ ئاسانلا توشۇپ قالىدۇ.
تەكلىۋىم: ئالتۇنتاغ قورۇقچىسىنى 金山卫士 قاچىلاپ پات پات ئومۇميۈزلۈك ئەخلەت تازىلاش، ئىز تازىلاش، تىزىملاش جەدۋىلى تازىلاش ئېلىپ بېرىڭ، كامىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىڭ. كىنو كۆرىدىغان ۋە باشقا توردىن بىر نەرسە چۈشۈرىدىغان دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئورنىنى سىستېما دىسكىسىدىن باشقا دىسكىغا يۆتكىۋېتىڭ. دېتال قاچىلىغاندا ئادەتتكى دېتاللارنى سىستېما دىسكىسىنىڭ يېنىدىكى دىسكا رايونىغا قاچىلاڭ. دىسكىنى رەتلىك، ئېدىتلىق تۇتۇڭ، تولا قاچىلاپ، تولا ئۆچۈرمەڭ. توردىن بىر نەرسە چۈشۈرگەندە سىستېما دىسكىسىغا چۈشۈرمەڭ.
ئەمدى ھۆججەتنى قانداق باشقۇرۇشتا مۇنداق بىرقانچە پرىنسىپ بار، ئۈستەل يۈزىدە ھۆججەت ساقلىماڭ. سەۋەبى ئۈستەل يۈزىنڭ ساقلىنىش ئورنى ئەمەلىيەتتە س دىسكا يەنى سىستېما دىسكىسىدا بولىدۇ، شۇڭا ھەرۋاقىت سىستېما بۇزۇلسا قايتا قاچىلىغاندا يۈتۈپ كېتىش، سىستېما دىسىكىغا ۋىروس ئورنىۋېلىش، سىستېمىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ۋە ئىجرا سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق بىرقاتار ناچار تەسىرى بار، ئەڭ مۇھىمى بۇ سىزنىڭ ئېدىتلىق ئىدىيىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلدۈرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل. بۇنىڭغا ئادەتتە كۆپىنچە ئادەملەر دىققەت قىلمايدۇ، بەزىلەرنڭ ئۈستەل يۈزىگە قارايدىغان بولسىڭىز 刷新 قىلىدىغان ئورۇنمۇ تەستە چىقىدۇ.
ئەگەر كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز ئۇنىڭمۇ ئامالى يوق ئەمەس، سىز باشقا بىر دىسكىغا بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ ئاندىن مائوسنى ئوڭ چەكسەك 发送到——桌面快捷方式 دەيدىغان تۈر بار، شۇنى ئىجرا قىلساق دەرھال ئۈستەل يۈزىدە ئوخشاش ئىسىملىك بىر قىسقۇچ پەيدا بولىدۇ، سىز خالىغانچە ھۆججەتلىرىڭىزنى شۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويسىڭىز چاتاق چىقىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن دېتال قاچىلىغاندا ھەربىر دېتالنىڭ كەمىدە بىردىن بەزىدە بىرقانچىدىن تېزلەتمە سىنبەلگە پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ بىرلا ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە ساقلاڭ، شۇنداقتا ئېكران پاكىز ھەم رەتلىك كۆرۈنىدۇ.
مېنىڭ ئېكرانىمدا ئۈچلا سىنبەلگە بار، يەنى بارلىق تېزلەتمە سىنبەلگىلەرنى يىغىدىغان بىر خۇرجۇن، تورغا چىقىش دېتالى تېزلەتمە سىنبەلگىسى، ئەخلەتخانائاندىن سىستېما قاچىلىغاندا ئوبدان سىستېما قاچىلاش بولىقى تاللاشقا دىققەت قىلىڭ، چوقۇم نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن چۈشۈرۈڭ، ھەرگىزمۇ قالايمىقان سىستېمىلارنى قاچىلاۋەرمەڭ. مەسىلەن 雨林木风,深州,番茄家园 قاتارلىقلارنىڭ سىستېمىسى ھەقىقەتەن بولىدۇ.
1.. دەرسلىكتىكى ئېنىق بولمىغان نۇقتا
بارماق دىسكىغا قوزغىتىش پروگراممىسىنى ئويۇپ بولغاندىن كېيىن سىستېما قاچىلىماقچى بولغان كومپيۇتېرنى قانداق قىلىپ شۇ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەش، دەرسلىكتە بۇ جايدا مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كۆرسىتىشكە ئامال بولمىدى، شۇڭا رەسىملىك قىلىپ يوللاپ قويدۇم. تۆۋەندە dell خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ مۇشۇنى قانداق تەڭشەشنى رەسىملىك قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي.
ئىككى خىل ئۇسۇل بار، بىرنىچىسى ، بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ قايتا قوزغىتىمىز، كومپيۇتېر دەسلەپ قوزغىلىشىغىلا توختىماستىن F12 نى بېسىپ تۇرىمىز، باشقا ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېردىمۇ شۇنداق (كۆپىنچە ماركىلىق يېقىنقى 5-6 يىلدىن بۇيانقى خاتىرە كومپيۇتېردا ئوخشاش) بۇ چاغدا تۆۋەندىكىدەك ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر كىچىك رامكا ئېچىلىدۇ。
بۇ مۇشۇ كومپيۇتېردىكى قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق قوزغتىش تىزىملىكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككىنچى قۇردىكىدەك تۈرنى يەنى USB دېگەن خەت بار تۈرنى تاللايمىز ھەمدە مۇقىملاشتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر بارماق دىسكىدىن قوزغىلىشقا كىرىدۇ..
ئەمدى ئىككىنچى خىل ئۇسۇل، بۇ سەل مۇرەككەپرەك بولۇپ ئادەتتە يۈزدە يۈز بارماق دىسكىدىن قوزغىتىشقا تەڭشىگىلى بولىدۇ، لېكىن مەشغۇلاتى مۇرەككەپ. يەنى كومپيۇتېر ئەمدى قوزغىلىشىغىلا توختىماستىن F2 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرىمىز (بۇ ئۇسۇل ھەممە خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىدا ئاساسەن ئىشلەيدۇ، ئاز بىر قىسىم كومپيۇتېرلاردا كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئەڭ سول يۇقىرى تەرەپتىكى كۇنۇپكا يەنى Esc كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق BIOS قا كىرىمىز.) زادى قايسىسىنى بېسىشنى بىلمىسەك ئادەتتە قوزغىلىۋاتقاندا باشقا مەشغۇلات قىلماي دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرساق ئېكراننىڭ سول ئاستى تەرەپتە كۆرۈنگەن بىرىنچى كۇنۇپكا نامى دەل مۇشۇ تەڭشەككە ئېلىپ كىرىدىغان كۇنۇپكا شۇ، قايتا قوزغىتىپ شۇنى توختىماي بېسىپ تۇرساق بولىدۇ. بۇ چاغدا بىز ئادەتتە دەپ كېلىۋاتقان BIOS قا كىرىدۇ، بۇ يەردە ئەگەر بىلمىسىڭىز قالايمىقان مەشغۇلات قىلماڭ، چۈنكى ئەگەر بىرەر مەشغۇلاتنى بىلمەي خاتا قىلىپ سالسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنى كېرەكتىن چىقىرىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن، چاقچاق ھە، ئۇنچىلىكمۇ ئېغىر ئەمەس.,
تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك قوزغىلىدۇ، بۇ بارلىق خاتىرە كومپيۇتېرلاردا ئاساسەن ئوخشاش
بۇنىڭدىن كېيىن كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئوڭ سولغا يۆتكەش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Boot دېگەن تۈرگە ئەكېلىمىز
مدى بۇ يەرگە كەلگەندە نۇرغۇن كومپيۇتېرلارنىڭ بىر بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ماۋۇ dell نىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىدىن تۇتۇلغان رەسىملەر، يېڭى كومپيۇتېركەن، شۇڭا تەڭشەكلىرىمۇ شۇنداق ئاددىكەن، بىرقاراپلا بىلگىلى بولىدىكەن، يەنى ئاستىدىكى قاتار تۇرغان رەقەم تەرتىپى بويىچە تىزىلغان تىزىملىكنىڭ بىرنچىسى قايسى بولسا شۇنىڭدىن قوزغىلىدىكەن، بۇ يەردە بىرىنچىسى قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىشقا تەڭشەكلىك، بۇنى بارماق دىسكىغا ئۆزگەرتىمىز، يەنى بىرنىچى تىزىملىككە توغرىلاپ مۇقىملاشتۇرساق مۇنداق كىچىك رامكا ئېچىلىدۇ:
بۇنىڭدىن بىز USB دېگەن خەت بار تۈرنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرىمىز.
باشقا كومپيۇتېرلارنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ مۇرەككەپ، بۇ يەردە ھەممىنى سۆزلەشكە ئىمكان بولمىدى، ئەگەر زادى F12 دىن قوزغىتالمىسىڭىز ئۇنداقتا مۇشۇ Boot تىزىملىكىنى رەسىمگە تۇتۇپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەن قانداق مەشغۇلات قىلىشنى كۆرسىتىپ قوياي
ئاخىرىدا F10 نى باسساق ساقلاپ قايتا قوزغىتامسىز دەيدۇ، مۇقىملاشتۇرساقلا كۇپايە.
. دەرسلىكنىڭ ئاخىرىدا سىستېما قاچىلاش باسقۇچىدا مەن مەۋھۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىستېما قاچىلاش باشلانغاندىن كېيىنكى مەشغۇلاتلارنى كۆرسىتىشكە ئىمكان بولمىدى، لېكىن بۇ يەردە سىزنىڭ باشقا مەشغۇلات قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىرقى گوست سىستېمىلار پۈتۈن ئاپتوماتىك بولۇپ، قاچىلاش جەريانىدا بىزنىڭ ھېچقانداق مەشغۇلات قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئاخىرىدا سىستېما ئۆزى ھەممىنى قىلىپ بولۇپ توختايدۇ.
`ئەمما تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، سىستېما قاچىلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۈستەل يۈزىدىكى مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلاپ باشقا سىستېما قاچىلىمايدىغان دىسكا رايونىغا كۆچۈرۈپ قويۇڭ، بولمىسا سىستېما قاچىلىغاندا C رايوندىكى ھەممە نەرسە يۇيۇلۇپ كېتىدۇ
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved