شىنخۇا تورى ، شېنياڭ ، 26-نويابىر تېلېگراممىسى : لياۋنىڭ فۇشىن كانچىلىق (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە 26-نويابىر سەھەر كۆمۈر توپىسى يېنىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان . ئىگىلىنىشىچە ، ھازىرغىچە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 26 گە يەتكەن .
فۇشىن كانچىلىق گۇرۇھى باش دوختۇرخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، نۆۋەتتە 50 نەپەر يارىدار ئىچىدە 30 ىنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ ، سەككىز ئىشچى ئېغىر كېسەللەرنى كۈزىتىش ئۆيىدە بولۇپ ، تۆتىنىڭ ھاياتى يەنىلا خەۋپ ئىچىدە ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا يارىسى بىر قەدەر يېنىك 20 نەپەر يارىدار فۇكۇاڭ باش دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ . يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ يارىلانغان ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved