دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 8-مارت جۇڭگو بىلەن كانادا ئۆز ئارا كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولغان ۋىزا بېرىشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، بۇ تەدبىر 9-مارتتىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ دېدى. بۇ-بۇلتۇر 11-ئايدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە كۆپ قېتىم ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەققىي تاپقان دۆلەتنىڭ ۋىزىنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ھاسىل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، بۇ يىل 9-مارتتىن تارتىپ قارشى تەرەپكە بېرىپ سودا، ساياھەت، تۇغقان يوقلاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقرالارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆپ قېتىملىق ۋىزا بېرىلىدىكەن. پەقەت پاسپورتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى يېتەرلىك بولسىلا، ۋىزىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئون يىلغا يېتىدىكەن. بۇ ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ۋە ھەر دەرىجىلىكلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق كۆلىمى ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى. 2013-يىلى جۇڭگو-كانادا پۇقرالىرىنىڭ باردى-كەلدىسى بىر مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى، كانادادا يۈز مىڭغا يېقىن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. كانادا جۇڭگونىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سالىدىغان 2-چوڭ نىشان دۆلىتى، جۇڭگو كانادانىڭ 2-چوڭ سودا شېرىكى، 2-چوڭ ئىمپورت مەنبەسى ۋە 2-چوڭ ئېكسپورت بازىرى، كانادانىڭ ئەڭ چوڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى ھەم ساياھەتچىلىرى ئەڭ كۆپ ئېشىۋاتقان دۆلەت، خەنزۇ تىلى كانادادىكى 3-چوڭ تىلغا ئايلاندى.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى-ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئالاقە يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي قولايلىق ۋە نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، باراۋەر ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن كانادا ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىدار بىر ۋە كۆپ قېتىملىق ۋىزا ھەققىنى بىر تۇتاش ھالدا يۈز كانادا دوللىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ خەلق پۇلىغا تەڭشىگەن. ئىككى تەرەپ ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ۋە بارماق ئىزى قالدۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش قولايلىقىدىن بەھرىمەن قىلىدىكەن. كۆپ قېتىملىق ۋىزىنى ئالغاندىن كېيىن، خالىغان چاغدا پاسپورتنى ئېلىپ، قاچان بارىمەن دېسە بارسا بولىدىكەن.
جۇڭگو پۇقرالىرى كانادادا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋىزا قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە چېگرىدىن كىرىش ۋە سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم بەلگىلىمىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. كانادا ۋىزىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئون يىل بولىدۇ، لېكىن پاسپورتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئەگەر پاسپورتنىڭ كۈچكە مۇددىتى قىسقا بولۇپ قالسا، ئەڭ ياخشىسى پاسپورتنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ۋىزا ئىلتىماس قىلىش لازىم.
كانادا ۋىزىسىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سۈرەت ئۇچۇرى بولمىغانلىقتىن، پاسپورت ئىناۋەتتىن قالسىمۇ، لېكىن ۋىزا يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ۋىزىنى يۆتكەشكە ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، كونا ۋىزىنى يېڭى پاسپورتقا يۆتكىسە بولىدۇ. بۇ نۇقتا ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئوخشىمايدۇ، يېڭى، كونا پاسپورتنى بىرلىكتە ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى پەقەت تۇرۇش ۋاقتى 180 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىغان قىسقا مەزگىللىك ساياھەت ۋىزىسىغا ماس كېلىدۇ، كاناداغا بېرىپ ئوقۇش ياكى خىزمەت قىلىش بۇ ۋىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.
جۇڭگو بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆپ قېتىملىق ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى-جۇڭگو پاسپورتىنىڭ ئىناۋىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى شۇنداقلا نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پۇقرالار ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش-ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر-بىرىگە يېڭى سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
ۋاڭ يى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دۇنيا كونسول قوغداش، جىددىي تېلفون مەركىزى 12308 قىزىق لىنىيەسىنى تەسىسس قىلدى. بۇ لىنىيە تەسسىس قىلىنىپ يېرىم يىلدىلا 30 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تېلېفۇن قوبۇل قىلىندى.
ئۆتكەن يىلى 2-سېنتەبىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دۇنيا كونسۇل قوغداش، جىددىي تېلفونغا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى، بۇ مەركەز تەسسىس قىلغان قىزىق لىنىيەدە چەتئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا 24 سائەت مەسلىھەت بېرىلىدۇ. قىزىق لىنىيەدە كۈنىگە تەخمىنەن چەتئەللەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن 10 قوبۇل قىلىنىدۇ.
تېلېفون مەركىزى ئالدى سەپ ۋە ئارقى سەپتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن، ئالدىنقى سەپتە جەمئىي 20 خادىم خىزمەت قىلىدۇ، خادىملار تېلېفون ئېلىپ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ، ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ئارقا سەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئارقا سەپتە 20 خىزمەتچى، 10 كونسۇل قوغداش ئەمەلدارى 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ خىزمەت قىلىدۇ، جىددىي ئەھۋال ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا يولۇققاندا، مەركەز تېلېفون قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، دەرھال ھۆججەت تەييارلاپ، چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلار تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
بۇ يىل 9-فېۋرالغىچە، بۇ مەركەز چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق 127 ئەلچىخانا،كونسۇلخانىغا 3253 خىزمەت ھۆججىتى ئەۋەتتى. ئامېرىكا، مالايسىيە، تايلاند، كورىيە ۋە ئەنگلىيەدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار ئەڭ كۆپ خىزمەت ھۆججىتى تاپشۇرۇپ ئالدى، خىزمەت تىپى ئاساسلىقى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، كىشنىلار يۈتۈپ كېتىش، ئىقتىساد ۋە ئەمگەك ماجراسى، چېگرادىن كىرىپ چىقىشتا توسالغۇغا ئۇچراش ۋە مال مۈلۈكنى يۈتتۈرۈپ قويۇش قاتارلىق بەش چوڭ تۈرگە مەركەزلەشتى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھكىمىمىز 12308 قىزىق لىنىيەسى بىلەن كونسۇل ئىشلىرى ئۈندىدارىنى ئۇلاشتۇرماقچى. ھازىر ئابونىتلار ئۈندىدار ۋە 12308 قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق ئاپتوماتىك مۇلازىمەتتىن بەھرىلىنىيەلەيدۇ. كېلەركى قەدەمدە كونسۇل مەھكىمىسى ئادەملىك مۇلازىمەتنى يولغا قويماقچى. بۇندىن باشقا، بۇ يىل 12308 قىزىق لىنىيە مەركىزى تەرجىمە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېھتىياجى بار تېلېفون قىلغۇچىلارنى نەق مەيداندا تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved