قۇسۇرچى قىز كىملىك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 32 قېتىم سۈرەتكە چۈشتى.
ھازىر «رەسىمنى ياسىماي تورغا يوللاشقا پېتىنالمايمىز» دېگەن سۆز ئومۇملىشىپ كەتتى. 19-يانۋار جياڭسۇ چاڭجۇدىكى لەنلىن ساقچىخانىسىمۇ يېقىندا مۇشۇنىڭغا ئائىت قىزىقارلىق ۋەقەنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلشىىچە يېقىندا مەلۇم «قۇسۇرچى» قىز «كۆزۈم كىچىك چىقىپ قالدى، كۆزۈم بەك چەكچىيىپ قاپتۇ، چىراي ئىپادەم بەك ياۋۇز چىقىپ قاپتۇ» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرىتىدىن باشتىن-ئاخىرى رازى بولماي جەمئىي 32 قېتىم سۈرەتكە چۈشكەن.
15-يانۋار، چاڭجۇ شەھەر ئاھالىسى سۈن قىزچاق لەنلىن ساقچىخانىسىغا كىملىك سۈرەت چۈشۈشكە كەلدى. رەسىمگە چۈشۈشتىن بۇرۇن سۈن خانىم بىر ھازا ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەن بولسىمۇ بىراق ھەر قېتىم رەسىم تارتىلغاندىن كېيىن رازى بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆپ قېتىم چۈشكەندىن كېيىن بىر پارچە سۈرئەتنىڭ ئۆزىگە يارىغانلىقى، ساقچى خادىمىنىڭ ئۆز كىملىكىگە بۇ رەسىمنى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق دەل ساقچى خادىمى سۈرەتنى يوللىۋەتكەن پەيتتە سۈن قىزچاق يەنە قۇسۇر تېپىپ، بۇ پارچە سۈرەتتە سەت چۈشۈپ قالغانلىقى ئېيتىپ، چوقۇم ئالماشتۇرۇشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرۇۋالغان، ساقچى خادىمى ئامالسىز تېلىفون قىلىش ئارقىلىق يوللانغان سۈرەتنى قايتۇرغۇزۇپ قايتا يوللاشقا مەجبۇر بولغان، نەتىجىدە بۇ قۇسۇرچى قىز كىملىك سۈرىتى ئۈچۈن جەمئىي 32 قېتىم سۈرەتكە چۈشكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved