«سۈرئەت 8» تۈر تۇرغۇزغاندىن بۇيان، بۇ فىلىمنىڭ مەنزىرە سۈرەتكە ئېلىشى ئىزچىل دىققەتنى قوزغىدى، بۇندىن ئىلگىرى بەزى چەتئەل تاراتقۇلىرى فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ كۇباغا بېرىپ مەنزىرە سۈرەتكە ئېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى، يېقىندا يېڭى خەۋەردە ئاساسلىق ئىجادكارلارنىڭ ئارال دۆلىتىدىكى ئاكرانىسقا بېرىپ مەنزىرە سۈرەتكە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، بازار باشلىقىمۇ بۇ نۇقتىنى جەزىملەشتۈردى. ئىگەللىنىشىچە ئاساسلىق ئىجادكارلار چوڭ كۆلەمدە پارتلاش كۆرۈنۈشى سۈرەتكە ئېلىشنى پىلانلىغان، 4-ئايدا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدىكەن، ئەمما كونكىرت تەپسىلاتى ئاشكارلانمىغان.
«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» قاتارى ئىلگىرى لوس ئانجىلىس، مىئامى، توكىيو، پاناما، رىئودى ژانىيرو ۋە لوندوندا مەنزىرە سۈرەتكە ئالغان، بىراق ۋىن دىسېل ئالدىنقى يىلى ئىلگىرى كۇرت راسسېلنىڭ رولىنىڭ «سۈرئەت 8» دە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئاشكارلاپ، پۈتۈن ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە يېڭى ئۈچ بۆلۈمنى قوزغاتقان. بۇندىن سىرت، «كامپىتوندىن بۆسۈپ ئۆتۈش» كە تايىنىپ ئەگەشكۈچىسى ئاشقان رېژىسسور گارى گرەي بۇ فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىدۇ.
ئىگەللىنىشىچە ئىلگىرى «سۈرئەت 2» دە پەيدا بولغان ئېۋا مېندېسنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد باركەن، نۆۋەتتە بۇ فىلىم تېخى سىنارىست نامزاتىنى تېخى بېكىتمىدى، بىراق جونسون ۋە جەيسېن سىتاسامنىڭ قايتىپ كېلىشى جەزىملەشتۈرۈلدى.
«سۈرئەت 8» 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ، نۆۋەتتە فىلىم ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved