پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رېپىرلار ھەيئىتى خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ 2 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رونالدونىڭ كولدۇۋا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يېگەن قىزىل كارتىسىغا قارىتا ئىسپانىيە رېپىرلار ھەيئىتى رونالدوغا ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش قارارىنى چىقاردى. س لو بۇ ئارقىلىق خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ خانلىق جەمئىيەت كۇلۇبى ۋە سالۋىيا كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ. مادرىد رىقابەت كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە س لو مەيدانغا چىقالايدۇ.
رېپىرنىڭ مۇسابىقىدىن كېيىنكى دوكلاتىدا ئېيتىشىچە س لو نىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى ھەرىكىتى « توپ يوق ئەھۋالدا ئادەم تېپىش » دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ھەرىكىتى « قەستەن ھۇجۇم قىلىش » بولنىغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم 4 مەيداندىن يۇقىرى مۇسابىقدىن چەكلەنمەيتتى. چۈنكى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىنتىزام بەلگىلىمىسىنىڭ 58-ماددىسىدا قەستەن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى سادىر قىلسا 4 مەيداندىن 12 مەيدانغىچە ياكى 6 مەيداندىن 15 مەيدانغىچە مۇسابىقىدىن چەكلىنىدۇ. ھەتتا يۇقىرى بولغاندا 6 ئايدىن 8 ئايغىچە مۇسابىقىدىن چەكلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇنىڭدىن قارىغاندا رېپىر س لو نىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى قەستەن ھۇجۇم قىلىش دەپ بېكىتمەستىن قوپاللىق قىلىش دەپ بېكىتكەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە س لو غا ئوخشاش ھەرىكەت سادىر قىلغانلارمۇ ئوخشاشلا ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسىغا ئۇچرىغانىدى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved