«مەركىزىي شەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 يېرىملار ئەتراپىدا، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرى لۇڭخەي يولى ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ 3-قەۋىتىدە پىچاق تىقىپ ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر نەپەر ياش ئەر ئېغىر يارىلانغان، نۆۋەتتە بۇ ئەر دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلماقتا.
بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدە يارىلانغان ئوغۇل بالا بولسا 20 نەچچە ياشلاردا بولۇپ، پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغۇچى بولسا يارىلانغۇچىنىڭ قىز دوستىنىڭ سابىق ئوغۇل دوستى ئىكەن.
نۆۋەتتە ۋەقە سادىر قىلغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved