ياپونىيەنىڭ دۆلەت زېمىنى قاتناش ۋەزىرى ئامارىنى ئاكىخىرو 19-ئۆكتەبىر ھۆكۈمەت پاراخوتى بىلەن خوككايدودىن شىمالدىكى تۆت ئارالنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق پائالىيەتكە قاتنىشىشى. بۇ ئارىدا ئۇ ياپونىيە بىلەن رۇسىيە دېڭىز چېگرا رازۋېدكا ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەمدە ئارقىدىن دېڭىزدا بىخەتەرلىكنى قوغداۋاتقان خادىملاردىن ھال سورىدى.
18-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ تالاش تارتىش بولىۋاتقان ئاراللار ئىشلىرىغا مەسئۇل كابىنېت ۋەزىرى شۇنىچى ياماگۇچىمۇ شىمالدىكى تۆت ئارالنى دېڭىزدىن كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved