مەغلۇبىيەتلىك ئۇچرىشىش كەچمىشى ئادەمنى ۋاقىت ئىسراپ بولغاندەك تۇيغۇغا ئەسىر قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا قاتتىق زەربە بولۇشى مۇمكىن. كانادالىق پسىخولوگ لىندا مۇنداق دېدى: بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك ئۇچرىشىش بەدەندىكى پوستلاق ئالكوھول بىلەن تېستوستروننى كۆپەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم تاماقنى تويغىنىنى بىلمەستىن يەيدىغان، چىرايغا دانىخورەك چىقىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىسىغا سالىدىغان زىيىنى ھەتتا يۇقۇچان زۇكامنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
لىندا يەنە مۇنداق دېدى: تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى، پوستلاق ئالكوھول ئادەمنىڭ ئىشتىيىنى ئېچىۋېتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەدەندە تېستوسترون كۆپ بولسا، ياغ بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى تېزلىشىپ، تېرىگە ئۆرلەيدىغان ياغ كۆپىيىدۇ ۋە تېرىنى دانىخورەك قاپلايدۇ.
ئەڭ يامىنى مەغلۇبىيەتلىك ئۇچرىشىش روھىي بېسىم پەيدا قىلىپ، ئىممۇنېت سىستېمىسىنى كېسەلگە تاقابىل تۇرالماس قىلىپ قويىدۇ، كېسەلنىڭ ساقايمىقى تەس بولىدۇ، ھەتتا تېرىدە كۆرۈلگەن كېسەللىكنىڭ ساقايمىقى تېخىمۇ ئاستا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىر تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق مەزمۇنلار بار: مەغلۇبىيەتلىك ئۇچرىشىش كەچمىشى بار ئۈچ ئادەمنىڭ بىرى ئۈمىدىنى يوقىتىدۇ. %23 ئادەمدە ئەنسىزلىك كېسىلىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، %6 ئادەمنىڭ ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىدۇ، %10 ئادەمنىڭ تامىقى كۆپىيىپ كېتىدۇ، %13 ئادەم ھاراققا بېرىلىپ كېتىدۇ، %13 ئادەم پۇل خەجلەش يولى بىلەن بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved