پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف يېقىندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى كۈنلىرى ئاز قالدى، بىز تۆمۈر مۇشت ئارقىلىق ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز. شېرىف ھۆكۈمىتى 25-دېكابىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە بىر يۈرۈش قاتتىق تەدبىرلەرنى چىقاردى.
شېرىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان ھۆكۈمىتى تېررورچىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلماي، داۋاملىق قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ، بۇ ھەربىي زەربە بېرىش ۋە تېررورچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پېشاۋۇردىكى پاجىئە پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا ئۈندەيدۇ. ھۆكۈمەت ئوتتۇرغا چىقارغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنىڭ تېررورچىلارنى قىسقا ۋاقىتتا چەكلەش ۋە چۆچىتىش ئۈنۈمى بار.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved