ئۇكرائىنادىكى تورداشلار يېقىندا ‹‹FACEBOOK›› تور بېكىتىدە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ مەشىق جەريانىدىكى سۈرەتلەرنى تارقاتقان ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ ياشلىق بار ئايال پىدائىينىڭمۇ قورال كۆتىرىپ مەشىققە قاتناشقانلىقى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئايالنىڭ ئىسمى پاۋلونا بولۇپ ، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ، پېنسىيەگە چىققان ئۇكرائىنا تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن .
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، پاۋلونا قوشنا كەنتتىن بەش كىلومېتىر يولنى بېسىپ كېلىپ ، قىسىمنىڭ يەر بېغىرلاپ ئىلگىرىلەش ، رازۋېدكا قىلىپ قوغداش ، دۈم يېتىپ قارىغا ئېلىش ، قورالنى چۇۋۇش - قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ھەربىي مەشىق تۈرلىرىگە قاتناشقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved