دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31-ئاۋغۇست 12-، 13-، 14-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى.
12-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خامچوت قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى 10-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىمەن، 2015-يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ يولغا قويۇلسۇن.
13-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى 10-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىمەن، بۇ يىل 1-دېكابىردىن تارتىپ يولغا قويۇلسۇن.
14-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۇغۇرتا قانۇنى› قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى 10-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىمەن، ئېلان قىلىنغان كۈندىن تارتىپ يولغا قويۇلسۇن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved