ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 10-فېۋرال پارلامېنتقا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش يېڭى پىلانىنى سۇنغان. خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتقا ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئوبيېكتى ئىراقنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
پارلامېنتتىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، كېلەر قېتىملىق زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئوباما پارلامېنتتىن ئۈچ يىللىق ھوقۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېگەن: ئوبامانىڭ بۇنداق قىلىشى پارلامېنتنىڭ ئۇنىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ چەتئەلدە ئۇرۇشقا قاتنىشىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھوقۇق بېرىش بولماستىن بەلكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇشتىن ئىبارەت.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved