جاھان ئاگېنتلىقى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.8 بال چوڭلۇقتا يەر تەۋرەش يۈز بەردى. ياپونىيە مىترولوگىيە ئىدارىسى، يەر تەۋرەشنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 06:12 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى مىياگى رايۇنىغا 46 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 40 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. پايتەخىت توكيو يەر تەۋرەش مەركىزىگە 415 كىلومىتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى توكيۇدا ھېس قىلىنغان، بۇ يەر تەۋرەش ھادىسىدە ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ياپونىيە يانار تاغ بەلۋېغى ۋە يەر تەۋرەش چەمبىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 2011-يىلى 11-مارتتا ئەڭ زور يەر تەۋرەش ھادىسىسىنى باشتىن كەچۈردى. ئىستاستىكا قىلىنىشىچە، 9 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ھادىسىسى ۋە كېيىنكى دېڭىز تاشقىنىدا 19 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نەچچە مىڭلىغان كىشى يارىلانغان، ياپونىيەنىڭ شەرقى شىمالى قىسمى زور تالاپەتكە ئۇچرىغان. يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلكتىر ئىستانسىسىدا رادىياتسىيە ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ، بۇ ھادىسە دۇنيا تارىخىدا 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور رادىياتسىيە ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى بولۇپ قالغان. ئۈچ دانە رېئاكتورنىڭ ئېرىپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن رادىياتسىيە ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىدىن كېيىن مەزكۇر رايۇندىكى 160 مىڭ ئاھالە كۆچۈرۋېتىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved