sohu تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىكروسوفت Surface 2 نى ئىشلەپ چىقىرىش رەسمىي توختىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. Surface 2 نى ئىشلەپ چىقىرىش رەسمىي توختىدىغانلىقىدىكى سەۋەب Surface 3 نىڭ مىكروسوفت تاختا كومپىيۇتېرلىرى ئۈچۈن تۆھپىسى چوڭ بولغانلىقىدا ئىكەن. يېقىنقى قىسقىغىنە كىچىككىنە بىر پەسىلدە Surface تاختا كومپىيۇتېرلىرى مىكروسوفت شىركىتىگە بىر مىليارد بىر يۈز ملىيون ئامرىكا دوللىرىغا سېتىش كىرىمى ئىلىپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم سېتىش كىرىمى Surface 3 دىن كىرگەن.
مىكروسوفت Surface 2 نى توختىتىش ئالامەتلىرى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا مەلۈم بولۇپ بولغان. مىكروسوفت پارچە سېتىش مەخسۇس دۇكانلىرىدىن بارلىق Surface 2/Pro 2 نىڭ زاپچاسلىرىنى قايتۇرۋالغان، ئاز بىر قىسىم پارچى سېتىش دۇكانلىرى بىر قىسىم زاپچاسلىرىنى خېرىدارلارنىڭ ئالماشتۇرۇش قايتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئامباردا ساقلاپ قالغان.
Surface 2 ئىشلەپچىقرىشى رەسمىي توختىغانلىقى Windows RT نىڭمۇ توختايدىغانلىقدىن بىشارەت بىرەمدۇ؟ مىكروسوفت بۇ ھەقدە بىرەر ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا مىكروسوفت ئۇيۇشتۇرغان Windows 10 ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت تەرەپ Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ Surface 2 ۋە Surface RT گە قوللىمايدىغانلقىنى ئېنىق ئېلان قىلغان.
مىكروسوفت ئىككى يىل ئ.چىدە Surface ئىلىپ كەلگەن بىر مىليارد بىر يۈز ملىيون ئامرىكا دوللىرى ئاسان قولغا كەلمىگەن بولسىمۇ، ئالما iPad ۋا كۆپ مىقداردىكى ئەرزان باھالىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كەينىدە تۇرماقتا.
مىكروسوفتنىڭ باشقا كارخانلارغا ئوخشاش بازار ئىگەللەش نىسبىتىمۇ يۇقىرلاپ مىڭۋاتقان بولغاچقا ، Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسىنى يانفۇن ، شەخسىي كومپىيۇتېر ۋە تىلىۋىزۇر قاتارلىق ئۈسۈنىلەردە يۈرگۈزىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
گەرچە مىكروسوفت كۆچمە تىرمىنالغا مەركەزلەشكەنبولسىمۇ ، ئالدىنقى مەزگىلدە Surface 3 گە نىسبەتەن قاتتىق دېتال تەرەپلىرى ئابۇنتلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.لېكىن نۆۋەتتە نۆۋەتتە مىكروسوفت كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىدىكى بازار ئىگىلەش نىسبىتى %3 گە يەتكەن، بۇ ئالما ios گوگول Android قا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كەينىدە، ئەلۋەتتە ئالدىدا يۈزلىنىپ تۇرغان چوڭ خىرىسلار رىقابەتلەر كۈتۈپ تۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved