ئىسپانىيە كاتالونىيە تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا پەيشەنبە كۈنى كەچتە بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ رەئىسى مېسسى بىلەن ئايرىم پاراڭلاشتى. ئۇ مېسسىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغانلىقىنى ، ئېنرىكنىڭ بارسېلونادىكى كۈنلىرىنىڭ ساناقلىقلا قالغانلىقىنى ، ئېنرىكنى ئىشتىن بوشىتىشنىىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مېسسىمۇ رىجكاد نى ئېنرىكنىڭ ئورنىغا تەيىنلەش تەكلىۋىنى بەرگەن. قانداقلا بولمىسۇن ئېنرىك بىلەن بولغان جەڭدە مېسسى غەلبە قىلدى.
كاتالونيە تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسى يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مېسسىىنىڭ كەتكۈزىۋەتمەكچى بولغىنى پەقەت ئېنرىكلا ئەمەس ، يەنە تېرىنىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى ، كوماندا دوختۇرى ۋە پىسخولوگىيە يېتەكچىسى قاتارلىقلارمۇ بار.
ھازىر بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنىچىسىنىڭ مېسسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس، لېكىن بىر ئادەم ئۇنداق ئەمەس ، ئۇ بولسىمۇ ۋاراتار تېرىنېرى ۋېنسۇيا . مېسسى پىسخولوگىيە يېتەكچىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ، بەدەن ساپاسى تېرنىرىنىڭ مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلىمۇ مېسسىغا ياقمايدۇ . مېسسى ھازىر پەقەت بىر ۋېنسۇيا بىلەنلا گېپى بىر يەردىن چىقىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved