شۋېتسىيەلىك مودېل قىز پىشى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، بېلى ناھايىتى ئىنچىكە، كۆكسى چوڭ بىر گۈزەل قىزغا ئايلاندى.
سۈرەتتە قوۋۇرغىسىنى تېخى كەستۈرمىگەن پىشى.
ئەنگىلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ 21 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، شۋېتسىيەلىك مودېل قىز پىشى فوكس تەخمىنەن 80 مىڭ فوندستېرلىڭ چىقىم قىلىپ، كۆپ قېتىم ھۆسن تۈزەتكەن. ئۇ ئالتە تال قوۋۇرغىسىنى ھەرىدىتىۋەتكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىنچىكە ئەۋرىشىم بەلگە ئېرىشكەن، يەنى مەيدىسى ناھايىتى چوڭ قىزغا ئايلانغان.
25 ياشلىق پىشى كارتون فىلىمدىكى جېشكا ئىسىملىك ئايالنى ياقتۇرۇپ قالغان، ھەمدە رىئال تۇرمۇشتىكى كۆكسى چوڭ، بېلى ئىنچىكە تەنناز شەخسكە ئايلىنىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئون نەچچە قېتىم ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، ئالتە تال قوۋۇرغىسىنى ھەرىدەپ كەستۈرگەن، بۇندىن باشقا يەنە كۆكسىنى چوڭايتقان، كالپۇكىنى قېلىنلاشتۇرغان، ساغرىسىنى كۆتۈرگەن. ھازىر پىشىنىڭ بەل ئايلانمىسى بىر چى كېلىدۇ، كۆكسى بولسا ناھايىتى چوڭ. بىراق دوختۇر مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، ئۇ چوقۇم بەدەنگە چىپپىدە كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئەسلى ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كىشىلەر ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەشمەكتە.
![]() |
500 مىليون فونىدسىتىرلىڭغا چېتىلغان، نامى «مالايسىيا تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت ئاجرىشىش دېلوسى» غا مالايسىيا پايتەختى كۇئالالامپۇر فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىدۇ.
مالايسىيادا تۇغۇلغان بۇ بىر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved