جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدۇ

ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى

 


جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ، مەكىت-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە ئاچال-يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل قاتناش باشلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئېشىپ ، شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 4300 كىلومېتىرغا يېتىدۇ .
مۇخبىرنىڭ 3-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسىپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 428.493 كىلومېتىر بولۇپ ، كۇچا-ئاقسۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشلىنىپ ، قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ياسىلىش ئالدىدا تۇرغان شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا تۇتاشتۇرۇلىدىكەن . پۈتۈن لىنىيەدە قوش يۆنىلىشتە تۆتتىن ئاپتوموبىل يولى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، يولنىڭ كەڭلىكى 28 مېتىر، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بويىچە لايىھەلەنگەن . ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بارىدىغان پۈتۈن مۇساپە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن .

ئاچال-يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى

 


ئاچال-يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ‹‹ دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى پىلانى ›› دىكى G3012 لىنىيەسىنىڭ مۇھىم بۆلىكى ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ غول تاشيول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ، مەكىت ، يەكەن ناھىيەلىرىدىن ئۆتىدۇ .


ئاچال-يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشىغا 2011-يىلى ئىيۇلدا ئىش باشلانغان ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 233.6 كىلومېتىر ، 12 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان تاشيول ھېسابلىنىدىكەن .ئاچال-يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قەشقەر-قاغىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ، ئاقسۇ-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە مەكىت-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن بىرىكىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھالقىسىمان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ھاسىل قىلىدىكەن .


مەكىت-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى

 


مەكىت-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ‹‹ دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى پىلانى ›› دىكى ئاقسۇ-خوتەن ، مارالبېشى-يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ غول تاشيول تورىدىكى تۆت غول تاشيولنى تۇتاشتۇرۇپ ، يوپۇرغا ، پەيزاۋات ، كوناشەھەر ناھىيەلىرى ۋە قەشقەر شەھىرىدىن ئۆتىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، 2015-يىلى خوتەن ۋىلايىتىدە قاراقاش-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ياسىلىدىكەن ، بۇ يولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتىشىدىكەن .



خەتكۈچلەر:
08-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    رۇسىيە مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بازىرى ئانالىزى ھەمدە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ سېتىش مىقدارى %36.2 ئاشقان، 5 مىليارد 210 مىليون لېتىردىن 7 مىل...
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
02-05-2016
     جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاكودىكى بىر ئايال ستارباكس (Starbucks) تىن ئىچىملىك سېتىۋالغاندا، ئىچىملىككە قوشۇلغان مۇز پارچىسى بەك...
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
Powered by Leglek