بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
4-ئاينىڭ 22-كۈنى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رۇسىيىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى روسىيە رايونىدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئورۇنلىشىش سېسىتىمىسىنى قۇرۇپ چىقىدىغنالىقىنى بىلدۈردى .يېقىندا روسىيە ھەربىي تەرەپنىڭ بىر قاتار ھەرىكەتلىرىدىن قارىغاندا ،روسىيە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى كۈچەيتىۋېتىپتۇ .
بۇ قېتىملىق مانېۋېر روسىيە ھاۋا دېسسانتلىرىنىڭ 8-چېسلا شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا تۇنجى قېتىم ئايروپىلان مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشى ئىكەن .روسىيە 98-ھاۋا دېسسانتلىرى دېۋىزىيسىنىڭ 90 غا يېقىن ئەسكىرى m76 بەلگىلىك توشۇغۇچى ئايروپىلاندىن رۇسىيىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى مۇز قۇتۇپ پونكىتىغا چۈشتى ،شۇنداقلا ھاۋادىن يەنە يېمەكلىك يېقىلغۇ قاتارلىق نەرسىلەر قاچىلانغان يۈك ساندۇقىنى تاشلىدى ،روسىيە 98- ھاۋا دېسسانتلىرى دېۋىزىيسى روسىيە ھاۋا دېسسانتلىرى قىسمىنىڭ سەرخىل قىسمى بۇلۇپ ،1944-يىلى قۇرۇلغان نادىر قىسم دەيدىغان نامى بار .
ئۈچ كۈندىن كېيىن ھاۋا دېسسانتلىرى قىسمى شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا تارقاق قۇتقۇزۇش مانىۋرى ئۆتكۈزىدۇ .22-چېسلا پۇتىن خەۋپسىزلىك كومىتېتى يىغىنىدا ،روسىيە شىمالىي قۇتۇپتىكى روسىيە رايونىغا يېڭى تىپتىكى ھەربىي پاراخوت ۋە چۆكمە پاراخوت تۇرغۇزماقچى ، بۇ دۆلەت مەنپەتنى ۋە چېگرانى قوغدا شپىلانىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتتى .
رۇسىيىنىڭ بۇ بىر كارات ھەرىكەتلىرىدىن رۇسىيىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى سىتىراتېگيلىك ئورنىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ .بىراق قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان شىمالىي قۇتۇپقا قىزىقىۋاتقىنى روسىيەلا ئەمەس ،ئامېرىكا كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ شىمالىي قۇتۇپتىن ئۆزىگە چۇشلۇق نىسىۋە ئېلىشقا قىزىقماقتا سىتاستىكىغا قارىغاندا دۇنيادىكى ئېچىلمىغان بايلىق ئىچىدە 30 ئابباس تەبئىي گاز ۋە 15 % نېفىت شىمالىي قۇتۇپ رايونىغا جايلاشقان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە 1979-يىلىدىن بۇيان شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز 40 % ئازايغان ،شۇنداقلا يېڭىدىن شىمالىي قۇتۇپقا ئېچىلغان ھاۋا يولىمۇ ، شىمالىي قۇتۇپتىكى بايلىقىنى چارلاش ۋە ئېچىشقا قولايلىق ياراتقان .
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، دۇنيا ئىقتىسادىي كەلگۈسىدە مۇئەييەن نۇقتىدىن شىمالىي قۇتۇپقا ئايلىنىدىكەن .شىمالىي قۇتۇپ مەسىلىسى ئۈستىدىكى مۇھاكىمىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىشنى تەكىتلەپ كەلدى روسىيە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ ،زۇڭتۇڭ ئوباماۇ ئېيتقان ،شىمالىي قۇتۇپتا مۇقىملىق تنىچلىقتا كۈرەش مەۋجۇت ئەمەس نىشان پەقەت شىمالىي قۇتۇبنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش .
ئەمەلىيەتتە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى مۇزلۇقنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ،ھەربىي كۈچلەر كۆپەيگەن ،بۇلتۇر 1-ئايدا روسىيە زۇڭتۇڭ پۇتىن قىسىمغا شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى كۈچەيتىش ھەم بۇ يىل ئىچىدە شىمالىي رايوندىكى ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشنى تاماملاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ،ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىمۇ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ،بۇ جۈملىدىن شىمالىي قۇتۇپقا ھەرىكەت قىلىدىغان خادىملار سانىنى كۆپەيتىش ، تېخنىكىلىق قوراللىنىشى يېڭىلاش ، كۆزىتىش ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ نورۋېگىيە باشچىلىقىدىكى ئوققا ئىنكاس قايتۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزدى .شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن جەمئىي 16 مىڭ ئەسكەر بۇ مانېۋىرغا قاتناشتى .ئېنىقكى ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشتىن ئىبارەت .ئامېرىكا شىمالىي قۇتۇپتا تۇرۇشقا جىددىي ئەسكەر چىقارماقچى ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا كانادا بىلەن ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى نورۋېگىيە بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك .
كانادامۇ نەچچە يۈز ئەسكىرىنى ئۆز ئالدىغا قۇتۇپ سوغۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرىغا قاتناشتۇرۇپ كەلگەن ،بىراق مۇتەخەسسىسلەر بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ قانچىلىك زور بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر شىمالى قۇتۇپىنى بويسۇندۇرۇش ئىنتايىن تەس بۇلۇپ ، قوغداش ئاساسىدا ئېچىش ،خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved